مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پىتنە-ئىغۋالىرىنى «تارمار قىلىش ماشىنىسى»

___ شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا «ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش» سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2021.11.30 22:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 27-، 28-، 29-كۈنلىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قەشقەر داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى «ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش» يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بار» دېگەن يالغان گەپنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىغا قارىتا، كۆپچىلىك كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پاكىت ئارقىلىق رەددىيە بەردى.

  قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەت، دىن، چياۋمىنلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلشات غەزەپ بىلەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› پىتنە-ئىغۋالىرىنى ‹تارمار قىلىش ماشىنىسى›! پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر مەيلى قانداق يالغان گەپ توقۇسۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلالمايدۇ ۋە يوقىتىۋېتەلمەيدۇ». ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ئىزچىل ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ كەلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئۈچۈن قەستەن كۆز بويامچىلىق قىلدى. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك بىلەن بېيىغان ھەقىقىي تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.» سۆھبەت يىغىنىدا، دۆربىلجىن ناھىيەسى شاڭخۇ بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى مۇنىرە بولانقان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت قوللانغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىدە، باشتىن-ئاخىر ئىختىيار قىلىش ئالدىنقى شەرت قىلىنغان بولۇپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ