مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2-تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك پۇتبول خاسلىقىغا ئىگە يەسلىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىكى 67 يەسلى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

2021.11.24 11:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2- تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك پۇتبول خاسلىقىغا ئىگە يەسلىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىكى 67 يەسلى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  2020-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، قىزىقىش يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان پۇتبول تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك پۇتبول خاسلىقىغائىگە يەسلىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى خىزمىتىنى باشلاپ، تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭدىكى 126 يەسلى تاللانغان. مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يەسلىلەرنى تاللاشتا بالىلار پۇتبولچىلىقىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى داۋامىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشى، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ھەم مەملىكەت بويىچە پۇتبول خاسلىقىغا ئىگە بالىلار باغچىسى سىستېمىسى سۇپىسى دەرسى تەمىنلىگەن ئوقۇتۇش سىستېمىسى تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو پۇتبول تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى تەمىنلىگەن 20 مىڭ يۈەن نىشانلىق ياردەم پۇلى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ