مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2020- يىللىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ

2021.11.23 12:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2020- يىلى 1- ئايدىن ھازىرغىچە تاپشۇرمىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ ، ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە تولۇقلاپ تاپشۇرغىلى بولمايدۇ.

  11- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، شەخسىي سالاھىيەت بىلەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ھەق تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار يەككە سودا - سانائەتچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 2020- يىلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەق تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان، 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇقلاپ تاپشۇرسا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىدىكەن.

  جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئالدى بىلەن «شىنجاڭ ئەقلىي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت»App ياكى «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى» ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىغا كىرىپ، يانفوندىلا ئۆزىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ. ئەگەر ھەق تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولسا، تېزدىن تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

  ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى 2021- يىلىدىكى شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن چېكى دائىرىسىدە، يەنىئېيىغا 3681يۈەندىن 19593 يۈەن ئارىلىقىدا تاللىنىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تاللاپ بېكىتكەن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سان ئۆلچىمىنىڭ % 20 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، سوممىسى ئېيىغا 736.2 يۈەندىن 3918.6 يۈەنگىچە بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار 2020- يىلى 10- ئايدىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرۇشنى توختاتسا، ئالدى بىلەن ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركەزلىرىگە بېرىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى قايتىدىن يوللاپ، ئاندىن «شىنجاڭ باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش» ئۈندىدار كىچىك تەرتىپى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش كېرەك. 2020- يىلى 10- ئايدىن كېيىن ھەق تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالسا، مۇناسىپ ھەقنى بىۋاسىتە تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ