مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مياۋ يىنى ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرى تەكشۈرۈۋاتىدۇ

2021.11.23 11:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مياۋ يى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن رېۋىزىيە كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  مياۋ يىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  مياۋ يى، ئەر، خەنزۇ، 1966-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، كومپارتىيە ئەزاسى، ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، شايار ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، تەپتىش باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ساقچى باش نازارەتچىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ساقچى باش نازارەتچىسى، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ