مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: تۈرلۈك يالغانچىلىقلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ

2021.11.23 11:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- چېسلا، جۇڭگونىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى «جۇڭگونى چۈشىنىش» تور لىنىيەسى چاتما ئاشكارا مۇنبىرىنىڭ 7- قارارلىق لېكسىيەسىنى ئۇيۇشتۇردى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ بىلەن ئېلىجان ئانايىت «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش» تېمىسىدا نوتۇق سۆزلىدى ھەمدە تاماشىبىنلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى. ئىككى باياناتچى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا ئالاقىدار تۈرلۈك يالغان سۆزلەر جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ سىياسىي كونتروللۇقى، ئاتالمىش «جازالاش» بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

  «جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلايدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى. شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۇدا بەش يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلولىرىنى خالىغانچە قۇترىتىشى، پىلانلىشى تامامەن مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قەتئىي تەۋرىتەلمەيدۇ.

  يىغىندا، شۈ گۈيشياڭ يەنە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى تەييارلىغان ساختا دوكلاتقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، نۇرغۇن نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى نامايان قىلىپ، بۇ ئاپپاراتنىڭ شىنجاڭدا مەۋجۇت دەپ جار سالغان «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا بىناسى، ئەشيا ئوبوروت رايونى ۋە مەكتەپ قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 4- ئايدا، مەن ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا ھەمراھ بولۇپ نەق مەيداننى كۆزەتتىم، بۇ ئاپپارات سىرتقى تېمى بار ئىمارەتلەرنى «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» دەپ ئاتىدى، بۇنى ئىنتايىن بىمەنە دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئاتالمىش «ئاقىللار ئامبىرى» ئىلىم تونىغا ئورىنىۋالغان جۇڭگوغا قارشى تۇرغۇچى ئاۋانگارت بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ شىنجاڭنى ئېزىتقۇلاشتۇرغان، بۇنداق دوكلاتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى يوق.

  ئېلىجان ئانايىت مۇنداق دېدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ياپونىيەلىك ھەجۋىي رەسىم رەسسامى چىڭشۈي يوۋمېي قاتارلىقلار ھەجۋىي رەسىم قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىدى. «ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن نۇرغۇن ساختا ھېكايىلەرنى توقۇپ، جىنايەتلىك دېگەن پەرەز ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلغان، بۇنى بۇرۇنلا ئايدىڭلاشتۇردۇق» ئىلىجان ئانايىت مۇنداق دېدى: چىڭشۈي يوۋمېي ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان بولۇپ ، ئۇنىڭ جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلارنىڭ قايمۇقتۇرۇپ پايدىلىنىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىلىجان ئانايىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختىسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، بىز ئارزۇسى بار كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىمىز.

  2018- يىلىدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك زات شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە قوشنا دۆلەت، بىز ياپونىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، ئىشىنىمەنكى، چوقۇم ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ