مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايوندا «ئىككى كېسەل» نىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىش كاپالىتى تولۇق قاپلاندى

2021.11.22 13:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) «ئىككى كېسەل» گە گىرىپتار بولغانسۇغۇرتىغا قاتناشقانبىمارلارنى «ئىككى كېسەل» ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تاماملاپ، «ئىككى كېسەل» نىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشىگەكاپالەتلىك قىلىش ۋە تولۇق قاپلاش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىيابېت كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك (قىسقارتىلىپ «ئىككى كېسەل» دېيىلىدۇ) بولۇپ، بىمارغا دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە،2019-يىلى 10-ئايدا،«ئىككى كېسەل»گە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، «ئاپتونوم رايون شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىيابېت كېسىلىگە ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50 تىن ئاشقان.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون «ئىككى كېسەل»نىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، «ئىككى كېسەل»نىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە تولۇق قاپلاش، دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلاملىق باشقۇرۇشتا تولۇق قاپلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «ئىككى كېسەل»نىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئامبۇلاتورىيەدە سوزۇلما، ئالاھىدە كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى سىستېما بويىچە جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تەمىناتتىن بەھرىلەندۈردى.

  «ئىككى كېسەل» ئامبۇلاتورىيەسىدە دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «ئىككى كېسەل» بىمارلىرى ئامبۇلاتورىيەسىدە جەمئىي 845 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى جەمئىي 501 مىليون يۈەن چىقىم قىلغان. ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە بىر تۇتاش پىلانلاش، «ئىككى كېسەل» ئامبۇلاتورىيەسىدە دورا ئىشلىتىش، ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە دورا سىياسىتىبىلەن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىدە ئوتتۇرىچە ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %60.02 بولۇپ، «ئىككى كېسەل» بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلدى.

  11-ئايغىچە، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇلىدىغان شەھەر، يېزا ئاھالىسىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان «ئىككى كېسەل» گە گىرىپتار بولغان 1 مىليون 250 مىڭ 300 كىشىنىڭ ھەممىسى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، «ئىككى كېسەل» گە مەخسۇس كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ئادەم سانى يىل بېشىدىكىدىن 168 مىڭ 400 كىشى كۆپەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ