مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى قۇرۇلدى

2021.11.17 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى دېيىلىدۇ) قۇرۇلدى.

  يىغىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلدى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ما گوۋېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، پارتگۇرۇپپا مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى 18 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر نەپەر مۇدىر ئەزا، تۆت نەپەر مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا، تۆت نەپەر مۇتەخەسسىس ئەزا، توققۇز نەپەر سودىيە ۋەكىل ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەركىبىدىكى سودىيە ۋەكىل ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى بارلىق ئەزالارنىڭ %50ىدىن تۆۋەن ئەمەس.

  شىنجاڭ سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جازالاش كومىتېتى نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەرتىپ بويىچە سودىيەلەرنىڭ سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، قەستەن مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلغان، زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن، ئادەتتىكى سەۋەنلىك ساقلانغان ياكى مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىغا قارىتا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ سودىيەلەرنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە قارىتا باشقىچە پىكىر ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ قارار چىقىرىش؛ نازارەت قىلىش ۋە جازالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ سودىيەلەرنى جازالاش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلارنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق قارار قىلىش قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ