مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2021.10.22 08:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھەيۋەتلىك تىيانشانغا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىزلىرى ئويۇلدى؛ تارىم دەرياسى ئۆركەشلەپ ئېقىپ، يېپيېڭى مېلودىيەنى ياڭراتتى.

  بۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، غەيرەت ـ شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرۇلتاينىڭ داغدۇغىلىق ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! قۇرۇلتايغا قاتناشقان ھەرقايسى ۋەكىللەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بەش يىلنى ئەسلىسەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ، 4 ـ، 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 ـ قېتىملىق، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قانۇن قورالى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئىلگىرىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

  تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش نەتىجە ـ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ـ ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  ...

  بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتنى يەكۈنلىگەندە، بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. بەش يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ پايدىسىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رولچى بولغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ پايدىسىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەك، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، شىنجاڭ چوقۇم شانلىق، پارلاق ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇدا كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا موھتاج. ھازىر، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار.

  «ۋاقىت قىممەتلىك، پۇرسەت غەنىيمەت.» بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ پۈتمەس ـ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتەيلى.

  قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ