مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئىستىل توغرىلاندى، ئىنتىزام چىڭىتىلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇلدى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

2021.10.22 08:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى تازىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى

  ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2 ـ ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ تەلەپتە بەش يىل ئىزچىل چىڭ تۇرۇلدى.

  «ئىككىنى قوغداش» ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ نېگىزى قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشنى قەتئىي، كەسكىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇندى.

  شىنجاڭدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقتى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرگەن، تىلىنى بىر قىلىۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى يوقاتتى.

  سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگىچە بارسا، سىياسىي نازارەتچىلىكنىمۇ شۇ يەرگىچە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، پۇختا نازارەت قىلىپ، ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش رولى، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىزچىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىشىغا، جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ نازارەتچىلىك ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئامما خىزمىتى، كادىرلار ئىستىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ قېتىملىق مەخسۇس تۈردىكى نازارەتچىلىك ـ يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىراقلا تېگى ـ تەكتىگە يېتىپ، يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە تۈزەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەش ئىللىقلىقىنى، ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

  بىر مەسىلە، بىر مەسىلىدىن ھەل قىلىش ئارقىلىق، يىلمۇيىل قەتئىي بوشاشماي، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك»نى، قارا، رەزىل كۈچلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان، قانات ئاستىغا ئالىدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان «توسالغۇ»لارنى چوڭقۇر تۈزەپ، كادىرلار ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئامما ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  «ئۈچنى قىلماسلىق» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتتى

  «ئۈچنى قىلماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاساسىي فاڭجېن، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، جازالاپ چۆچۈتۈش، جازا بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قۇتقۇزۇش، تەربىيە بېرىپ سەگەكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام، قانۇن ئۈنۈمى ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «قاتتىق بولۇش» ئاساسىي رىتىمىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيمىنىپ «جۈرئەت قىلالماسلىق»قا تۈرتكە بولدى. يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ زەربە بېرىشتە چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن، ئەنئەنىۋى چىرىكلىك بىلەن يېڭىچە چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن، چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن ناتوغرا ئىستىل گىرەلىشىپ كەتكەن دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كېيىنگە بارغانسېرى ئىنتىزامنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان كۈچلۈك سىگنالنى سىجىل قويۇپ بەردى. «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل كېسەلنى قەتئىي بوشاشماي داۋالاپ ساقايتىپ، ھەر ئايدا«تۆت خاھىش»نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، «تۆت خاھىش»مەسىلىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دېلو ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، كېڭەيتتى.

  نازارەت قىلىش، چەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم سەۋەبلىك «قىلىشقا بولمايدۇ»غا تۈرتكە بولدى. پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ «بىرىنچى خىل ھالەت»نى قوللىنىش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يىللىق باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت بىلەن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ماس تۇتاشتۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. «بىرىنچى قول» باشلىق ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى، تەڭ دەرىجىلىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، دىققەتنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. كۈندىلىك نازارەت قىلىش خىزمەت تۈزۈمى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، پاش قىلىش، پاش قىلىش سۇپىسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلىدى. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. «سىستېمىنى تۇتۇش، سىستېمىلىق تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق ئىبرەت قىلىش، دېلو ئارقىلىق تەربىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق مېخانىزم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ نامراتلارنى يۆلەش، ئورمان ـ ئوتلاق، مائارىپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، سۇچىلىق، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق سىستېمىلاردا «دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت مەخسۇس تۈردىكى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ سىياسەت ۋە تۈزۈم قاتلىمىدىن مەسىلىلەرنى يېشىپ، يوچۇقلارنى ئەتتى.

  ئىدىيە ـ ئەخلاق ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاڭ سەۋەبلىك «ئويلىماسلىق»قا تۈرتكە بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەپ، غايە ـ ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتنى چىڭىتىپ، ئىدىيە مەنزىلى، سىياسىي ساپا، ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىكنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە ـ ئەخلاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئىدىيە ـ ئەخلاق ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى تەربىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ھەر يىلى بىر باش تېمىنى بېكىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ «ئاينىپ كېتىش» ناملىق يۈرۈشلۈك ئىبرەت تەربىيەسى فىلىملىرىنى ئىشلەپ، ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى؛ پارتىيەلىك كادىرلار ھەم ھۆكۈمەت خادىملىرىنى پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇن ـ نىزام ۋە ئەخلاق، پاكلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى پاكلىققا دائىر قانۇن ـ نىزام ئىمتىھانىنى دائىملىق تەشكىللەپ قانات يايدۇردى؛ «تىيانشاننى قاپلىغان مەيىن شامال»يۈرۈشلۈك پاكلىق مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام، قانۇن بىلىملىرى بويىچە تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسى، نۇتۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى... پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاقنى ئۇلۇغلايدىغان، پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى.

  ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، نازارەتچىلىكنىڭ تولۇق قاپلاش سالمىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

  2018 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىردى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشتا، شىنجاڭ ئۈچ دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، ۋىۋىسكا ئېسىش خىزمىتىنى بىرىنچى بولۇپ تاماملاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بايلىق كۈچىنى يەنىمۇ بىرىكتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق يېزا ـ بازار(كوچا باشقارما)لاردا ۋاكالەت رېۋىزىيە ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، «كىچىك، ئۇششاق ھوقۇق»نى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش ئانتېنناسىنى «نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى»غىچە يەتكۈزۈپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان خادىملارنى نازارەت قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. 2018 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن (ۋاكالەت) ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تۇرۇشلۇق تارماقلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئاپتونوم رايون شۇ دەرىجىلىك تۇرۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئاپپاراتتىن 31نى، ۋاكالەت ئاپپاراتتىن بىرنى تەسىس قىلىپ، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشىنىڭ تولۇق قاپلاش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايون باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ داشۆ، جۇڭتەي گۇرۇھىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، باشقا ئالىي مەكتەپلەر ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرىنى رېۋىزىيە مەخسۇس خادىملىقىغا تەيىنلىدى ھەم رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى ئىشخانىسى تەسىس قىلدى. 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق 28 كەسپىي ئورۇن ۋە 48 تارماقنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي ئورۇنلارنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنىڭ تولۇق قاپلاش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  2021 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، 9 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 13 ـ قېتىملىق كۆزىتىشىدە ئون كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق 11 ئورۇنغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ مۇنتىزىم كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، 9 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋىلايەت، ناھىيە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 234 ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىش ۋە 35 پارتىيە تەشكىلاتىنى كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى تاماملىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار بۇ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى؛ كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى قىلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  ھازىر، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، تۇرۇشقا ئەۋەتىش نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىدىن ئىبارەت «تۆت تولۇق قاپلاش» نازارەتچىلىك ئەندىزىسى شەكىللەندى ھەم «شەكىللىك قاپلاش»تىن «ئۈنۈملۈك قاپلاش»قا ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك يېتەكچى قىلىنىپ، «تۆت تۈرلۈك نازارەتچىلىك» نى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، مەمۇرىي نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مالىيە ـ بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ماسلاشتۇرۇلۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ