مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2021.10.21 13:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى​

  دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، ئۇ ماركسىزملىق ھەقىقەت كۈچىگە تولغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، قەتئىي، كەسكىن تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا، كۈچلۈك دېموكراتىك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە نامايان قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ۋە خەلق ئاممىسى ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ۋەكىللەر خىزمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان سىياسىي ئورگان، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، خىزمەت ئورگىنى، ۋەكىللەر ئورگىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ