مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 139 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2021.10.21 13:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 139 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش، يەرلىك زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چىڭىتىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە بولۇش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى دەل ۋاقتىدا، دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ كەسكىنلىكى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، سەۋەنلىك بىلەن مەسئۇلىيەت مۇناسىپ كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىقنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش، ئاشلىق تەمىناتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يەرلىك زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زاپاس ئاشلىقنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتىكى رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەرلىك زاپاس ئاشلىققا قارىتا قاتتىق تۈزۈم، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق مەسئۇلىيەتنى يولغا قويۇپ، يەرلىك زاپاس ئاشلىقنىڭ مىقدارىنىڭ ھەقىقىي بولۇشى، سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى، ساقلىنىشىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زاپاس ئاشلىقنىڭ ئامباردا ساقلىغىلى بولىدىغان، ياخشى باشقۇرغىلى بولىدىغان، يۆتكىگىلى بولىدىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ