مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

2021.10.20 10:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش ـ ئالدىن سىگنال بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، مۇھىم سورۇن ـ مەيدان ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنى پائال، پۇختا، سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى ۋە بوشىشىپ قېلىش كەيپىياتىنى يېڭىپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كېرەك.

  يىغىندا ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، «14 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەريانىدىكى ئورۇن ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى توغرا تېپىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئون چوڭ كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات ۋە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنىڭ، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېنېرگىيە ساھەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ـ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەيدىغان قىلىش كېرەك؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە مالىيە كىرىم ـ چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ