مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا بەش دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى تەشكىلىي سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى

2021.10.20 10:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئورمان باشلىقلىرى جەمئىي 37 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئورمان چارلاشنى قانات يايدۇردى

  مۇخبىر ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى تەشكىلىي سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلغان، بۇ، دۆلەت ئالدىن بېكىتكەن ۋاقىتتىن توققۇز ئاي بۇرۇن تاماملانغان بولۇپ، ئورمان باشلىقلىرى جەمئىي 37 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئورمان چارلاشنى قانات يايدۇرغان.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئورمان باشلىقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، «ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» قاتارلىق 11 يانداش تۈزۈم ۋە ھۆججەتنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئورمان باشلىقى، مۇئاۋىن باش ئورمان باشلىقى (تەۋەلىك رايونى ئورمان باشلىقى)دىن 16سى، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئورمان باشلىقىدىن 1510ى، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك ئورمان باشلىقىدىن 28 مىڭدىن ئارتۇقنى تەسىس قىلدى؛ ئورمان باشلىقىنى ئاشكارىلاش تاختىسىدىن جەمئىي 3114نى ئورناتتى؛ ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرى 37 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئورمان چارلىدى. ئورمان باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىگە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  بەش دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ تيېمېنگۇەن شەھىرى بىلەن ئۆزئارا خادىم ئەۋەتىپ مۇئاۋىن ئورمان باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى كېڭەشتى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار بىڭتۇەن بىلەن ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مانىۋېرىنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاقتا «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ» بىرگەۋدە بولۇش ئۈستىدە ئىزدەندى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق جايلار «ئورمان باشلىقى + باش تەپتىش» بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئورنىتىپ، تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئورمان باشلىقى ئورمان چارلاش، ھەق تەلەپ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىدا دەۋادىن ئىلگىرى كېڭىشىش، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئورمان چارلاش، چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، چېكىنگەن ئوتلاقتىن جەمئىي 11 مىليون 217 مىڭ 800 مونى ئەسلىگە كەلتۈردى، تۈزىدى، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتىدىن 16نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەتىيازدا 1 مىليون 170 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ