مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.10.20 10:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

  شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتناشتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت دوكلاتى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى، قاراپ چىقتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، «8 - بەش يىللىق» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى پۇختىلاشقا كۈچەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئىشلار، مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى، ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى، ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىلەر قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىلەرنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى قىلىشى كېرەك. 1 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشتا دائىملىق تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش مەخسۇس قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن مۇلازىمىتى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ