مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى تۈزۈمى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدىكەن، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردە چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى تۈزۈمى پۈتۈنلەي ئورنىتىلغان.
ئاپتونوم رايونىمىز 2011-يىلى 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 80 ياش(80 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن 89 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەربىرىگە ئايدا 50 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى؛ 90 ياش(90 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن 99 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەربىرىگە ئايدا 120 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى؛ 100 ياش(100 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ھەربىرىگە ئايدا 200 يۈەن ياردەم پۇلى بەردى. ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ ياشلىقلار ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويدى. قىسمەن رايونلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچىمى ئاساسىدا ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز 2021-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى، ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاي(ياكى پەسىل) بويىچە تارقاتتى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا 99 مىليون 450 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى تارقاتتى.
چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى تۈزۈمى قوشۇمچە جەمئىيەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى سىياسەت بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىگە ئىگە، يېشى 80 ياشقا توشقان، نوپۇسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشانغانلار بۇ قوشۇمچە پۇلدىن بىردەك بەھرىمەن بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ