مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش ئەنجۈر كەنتىدە يېڭى كەيپىيات ياراتتى

2021.10.19 13:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى ئازغان كەنتىگە كىرگەندە، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تەرەققىيات كەيپىياتىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

  ئازغان كەنتى ئاتۇش شەھىرىدىكى ئەنجۈر ئاساسلىق چىقىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، كەنتتىكى 27 تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېشى 400 يىلدىن ئاشقان. بۇ يەردىن چىقىدىغان ئەنجۈرلەرنىڭ سورتى ئېسىل بولغاچقا، بۇ جاي «ئەنجۈر كەنتى» دەپ ئاتالغان.

  كەنتتە يېڭىدىن سېلىنغان ساياھەت ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسى، پۇقراۋى قونالغۇ، ئاشخانا، قەھۋەخانا، ناۋايخانا قاتارلىق ھەر خىل دۇكانلارنىڭ ئىشىك بېشىنىڭ شەكلى ئاددىي ھەم نەپىس بولۇپ، قويۇق مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت خاسلىقىغا ئىگە؛ دۇكانلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ تىك يۈزى بىرتۇتاش بېزەلگەن بولۇپ، رەڭگارەڭ ئىدى؛ ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت لاپىسى، تەبەسسۇم تېمى، يىپەك يولىدىكى تۆگە ئىستېرېئولۇق تام سىزمىلىرى قاتارلىقلار زامانىۋى تۈسكە تولغان يېزا ـ كەنت ساياھىتىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

  ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسى بار ئىدى. 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، جياڭسۇ ئۆلكىسى كۇنشەن شەھىرىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە، ئازغان كەنتىدە 1.6 كىلومېتىرلىق ئەنجۈر ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسى ياسىلىپ، يول بويىدىكى 50 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى پۇقراۋى قونالغۇ ۋە ئاشخانا، دۇكان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

  «3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك، ئەنجۈر كەسىپى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئازغان كەنتىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ـ كەنت ساياھىتىنىڭ يېڭى بەلگىسى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىك نۇقتىسى قىلىپ بەرپا قىلىشتىكى ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» لى يەن مۇنداق دېدى: يېڭى ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى، تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ناھىيە، يېزا، كەنتنىڭ ياردەم بېرىش ـ يۆلەش سىياسىتى سىرتقا چىقىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، تىجارەت قىلغان بىر تۈركۈم قابىللارنى كەنتكە قايتىپ كېلىشكە جەلپ قىلىپ، ئازغان كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى جانلاندۇردى.

  «مەن ئەسلىدە ئاتۇش شەھىرىدە رەخت سودىسى قىلاتتىم. كەنتنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قايتىپ كېلىپ، بۇ ئارامگاھنىڭ تىجارىتىنى ياخشىلاشنى قارار قىلدىم.» داگۇڭ ئارامگاھىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك رايونىغا كىرگەندە، كەڭ ئازادە زال، نەپىس بېزەكلەر كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئارامگاھنىڭ ئىگىسى ئىدىرىس تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئارامگاھنىڭ ئەسلىدىكى كۆلىمى كىچىك ئىكەن، كەنتنىڭ ياردىمىدە ئۇ چوڭ زالنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن ئالتە چوڭ ئايرىمخانا تەسىس قىپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە، مېھمانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئارامگاھ تىجارىتىدىن ھەر ئايدا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋېتىپتۇ.

  «ئۆز قېرىنداش» نان ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، قۇربانجان مەمەت بىرنەچچە ناۋاي بىلەن تونۇر ئالدىدا ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىككى چوڭ سېۋەت سارغىيىپ پىشقان گىردە بىلەن تولغانىدى.

  «بىز ئۈچ ئەۋلاد ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق.» قۇربانجان مۇنداق دېدى: ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسى ياسىلىشتىن ئىلگىرى، شەھەر ئەتراپىدا ناۋايخانا ئاچقانىدىم، لېكىن كۈندە كۆپ نان ياقمايتتىم، «كەنتكە قايتىپ نان ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇم، كەنت ماڭا ياردەملىشىپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى».

  بۈگۈنكى كۈندە، قۇربانجاننىڭ نان ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئون كەنت ئاھالىسى قاتناشقان بولۇپ، ئاساسلىق گىردە، قوناق نېنى ۋە ھەمەك نان ياقىدىكەن، ھەر كۈنى 3000دىن ئارتۇق نان سىرتقا سېتىلىدىكەن.

  «يېمەك ـ ئىچمەك كەسپىدىن باشقا، بىز <كىچىككىنە قۇياش نۇرى> <ئەنجۈر ئائىلىسى> قاتارلىق نادىر پۇقراۋى قونالغۇلارنى نۇقتىلىق قۇرۇپ چىققاندىن باشقا يەنە، تىجارەت ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ كىرگۈزۈۋاتىمىز.» لى يەن مۇنداق دېدى: «بىر ئائىلىدە بىر لايىھە بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر خاسلىق بولۇش» دېگەن ئىدىيەگە ئاساسەن، ئازغان كەنتى دۇكان قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، ئىچكى خاس مەزمۇنى، خاسلىقى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ