مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىدە نەتىجە ـ ئۈنۈم گەۋدىلىك بولدى

2021.10.19 12:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئومۇمىي تاماملىنىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

  مۇخبىر شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىدە نەتىجە ـ ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغان، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي تاماملىنىش نىسبىتى %93كە يېتىپ، گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتكەن %70لىك نىشان ـ ۋەزىپە ئالدىن تاماملانغان، ئومۇمىي تاماملىنىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

  3 ـ پەسىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مالىيە تېز مەلۇم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 976 مىليارد 104 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان. 1 ـ ئايدىن 9 ـ ئايغىچە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 341 مىليارد 312 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.5 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 122 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11 مىليارد 353 مىليون يۈەن ئاشقان؛ يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج ھەققى 12 مىليارد 632 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.7 ئاشقان.

  بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىسلاھات سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن يۇغۇرۇشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى كۈنسايىن تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پۇختا، قېلىپلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىدىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، زاۋۇتلار قۇرغان چوڭ كوللېكتىپلارنى ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ، مائارىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى، «سۇ، توك، پار بىلەن تەمىنلەش ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش» ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى مەھەللىلىرىنى ئايرىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى.

  دۆلەت ئىلكىدىكى ئىگىلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت كارخانىلىرىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشكە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە «ئون چوڭ كەسىپ»نى چۆرىدەپ، چوڭ قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق چوڭ سۇپا بەرپا قىلىپ، چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق چوڭ گۇرۇھ قۇرۇپ، چوڭ يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق چوڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭ گېئولوگىيە ـ قېزىلما بايلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ قۇرۇپ ياكى قايتا تەشكىللەپ، باشلامچى، تايانچ كەسىپ گۇرۇھلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى نىسبەتەن مۇكەممەل، كەسىپ ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى تولۇق، رىقابەت كۈچىگە باي بولغان 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

  دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشتى. «كاپىتال باشقۇرۇش»نى ئاساس قىلىپ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «باھالاش نىشان قىممىتى» ۋە «كۈرەش نىشان قىممىتى»دىن ئىبارەت قوش نىشان بويىچە يېتەكلەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، خەۋپ ـ خەتەرنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا باشقۇرۇش، ئىچكى جەھەتتىن تىزگىنلەپ باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تور سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش «چوڭ ئەندىزىسى»نى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولى يېڭى كۈچەيتىشكە ئېرىشتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «قىزىل قەلب ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى نۇرلاندۇرۇش، پارتىيە بايرىقىنى تىيانشاندا جەۋلان قىلدۇرۇش» پارتىيە قۇرۇلۇشى كۇرسلۇق ماركىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «پاك دۆلەت كارخانىسى»نى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى»نى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ