مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي ئېففېكتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تىرىكى، تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2021.10.19 12:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

  ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي ئېففېكتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تىرىكى، تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

  ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن، لى يىفېي قاتناشتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21 ـ قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن، لى يىفېي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئادەم، مالىيە، مۈلۈكنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئىسلاھات لايىھەسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى» «دورىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21 ـ قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ـ ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش، «14 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تىرىكى ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئادەم، مالىيە، مۈلۈكنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقىدار سىياسەت ـ بەلگىلىمىلەرنى توغرا ئىگىلەپ ۋە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق ساھەسىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە ـ ئۇسۇللارنى توپلاش كېرەك. دورىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تېخنىكىلىق باھالاش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر، پەۋقۇلئاددە، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىشى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى مەخسۇس گۇرۇپپىلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ تەكشى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تۈرمۇتۈر تىزىملىككە توغرىلاپ ئېنىقلاپ، ئىسلاھاتنى ئارقىغا سوزماسلىققا، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نەتىجە ـ ئۈنۈمنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ