مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ئىككى تۈر «دۇنياۋى تىپىك مىساللار» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

2021.10.18 13:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسى،COP 15 تەييارلىق خىزمىتىنى ئىجرا قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مۇھىت ئاسراش فوند جەمئىيىتى، تاۋخۇايۈەن ئېكولوگىيەنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى 100 + مىسالى» نى يەر شارى بويىچە قوبۇل قىلىش ۋە باھالاش ئاخىرلاشتى، جەمئىي 110 مىسال«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى 100 + يەر شارى خاراكتېرلىك تىپىك مىسال» بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن ئىككى مىسال تاللاندى، بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇلۇنگۇ دەرياسى قۇندۇزىنى قوغداش يۈرۈشلۈك ئاممىۋىي پاراۋانلىق تۈرى، شەرقىي تەڭرىتاغ پىدائىيلار بىرلەشمە ھەرىكىتى يىلپىز قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۇلۇنگۇ دەرياسى قۇندۇزىنى قوغداش تۈرىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى ئىلتىماس قىلغان. بۇ تۈرنىڭ مەقسىدى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇلۇنگۇ دەرياسى قۇندۇزىنى قوغداشقا بىۋاستە قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ شەرقىي تەڭرىتاغ پىدائىيلىرى بىرلەشمە ھەرىكىتى يىلپىز قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئۈرۈمچى سايباغ رايونى دالا قوغداش - پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى ئىلتىماس قىلغان. بۇ مەركەز شىنجاڭ ئەلئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ يىلپىزنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش جەھەتتىكى باشلامچىسى، شىنجاڭدىكى ئەڭ بالدۇر يىلپىزنى قوغداش تۈرىنى قانات يايدۇرغان ئەلئارا ئاپپارات بولۇپ، يىلپىزنىڭ تارقىلىشى، سانى، ماكانلىشىش تەھدىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مىقداردىكى دالا سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يىلپىز يەككە سۈرەت ئامبىرى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەلئارا يىلپىز مۇھاپىزەت رايونى« ئۈرۈمچى دەرياسى يىلپىز مۇھاپىزەت رايونى» نى قۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ