مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​پاختىچىلىق كەسپى ھەر مىللەت ئاممىغا «بەخت يولى» ئېچىپ بەردى

2021.10.18 09:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون پاختىغا ئائىت مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى​

  پاختىچىلىق كەسپى ھەر مىللەت ئاممىغا «بەخت يولى» ئېچىپ بەردى

  9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە پاختىغا ئائىت مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار تارماقنىڭ ئىككى نەپەر مەسئۇلى شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، يەتتە نەپەر ئامما ۋەكىلى ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلاشتەك بىمەنە سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

  «ئىلگىرى، 100 مو يەرگە كېۋەز تېرىساق، ئۇنى يىغىۋېلىشقا ئون نەچچە پاختا تەرگۈچى تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ھازىر، كېۋەز تېرىشتىن پاختىنى يىغىۋېلىشقىچە پۈتۈن جەريان ماشىنىلىشىپ، ۋاقىت ۋە كۈچ تېجىلىپ قالدى، مەن ئەمدى پاختا تەرگۈچىلەرنى ئىزدەشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم.» شايار ناھىيەسىدىكى پاختىكار ئىمىن ئانايەت مۇنداق دېدى: بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ساياھەت قىلىدىغان بولدۇم، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى ئۆتمەكتە.

  شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايوننىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 7 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىدىغان بولۇپ، «جۇڭگودىكى ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. «يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغاچقا، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش دەرىجىسى %90تىن ئاشتى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساپ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1 مىليون توننىدىن ئاشتى. بۇ يىل كېۋەز ياخشى ئۆستى، پاختىنىڭ باھاسىمۇ ياخشى، پاختىكارلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى مۇقىملاشتى.

  توقسۇ ناھىيەسىدىكى پاختىكار ئادىل ئەركىن ماشىنىلاشقان ئۇسۇلدا كېۋەز تېرىپ، تۇنجى يىلىلا 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ باشلامچىلىق بىلەن كېۋەز تېرىقچىلىقىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «دەسلەپتە كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ھەممىسى قاراپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولغانىدى.» ئادىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالارنىڭ ھەر مو يەردىن قىلغان كىرىمى 1380 يۈەن ئاشتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرىمۇ دەسلەپكى بەش ئائىلىدىن 80 ئائىلىگە كۆپەيدى، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى 3 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  كۇچا شەھىرىدىكى پاختىكار ئابلەت ئەخمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 1590 مو يەرگە كېۋەز تېرىپ، بىر يىلدا 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بايلىق يارىتىدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىلا قانداقسىگە <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> بولۇپ قالدى، ئەجەبا مېنىڭ ھەر يىلى قىلغان نەچچە مىليون يۈەنلىك كىرىمىمنىمۇ باشقىلار ماڭا مەجبۇرىي بەرگەنمۇ؟»

  پاختا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «بەخت گۈلى»، پاختا كەسپى ئۇلار ئۈچۈن بىر «بەخت يولى» ئېچىپ بەردى. بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى مۇختەر لوقمان كىچىكىدىنلا ماشىنىلارغا قىزىقاتتى، 2019 - يىلى، ئۇ شۇ جايدىكى بىر پاختا كارخانىسىغا بېرىپ ئىشلەپ، پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بولدى، ئايدا 4000 يۈەن مائاشى بار. بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ھازىر بۇ كارخانىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلى بولۇپ، كىرىمى خېلىلا ئاشقان. «بۇ يىل 4 - ئايدا، مەن بىر توپا قېزىش ماشىنىسى سېتىۋالدىم، ئىشىم بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ھېسابلاپ باقسام، بىر يىلدا يۈز نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىشىمدا گەپ يوق.» مۇختەر مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە ئىنىمغا تېخنىكا ئۆگەتكەندىن سىرت، يەنە تۆت شاگىرتنى يېتەكلەۋاتىمەن. «ئىشىنىمەنكى، ئۇلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشلا كىرىمى بارغانسېرى ئاشىدۇ».

  ئەكرەم رېھىم كۇچا شەھىرىنىڭ خانىقاتام يېزىسىدىن بولۇپ، ھازىر شىنجاڭ چېڭرۇن جىنلەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. بۇ كارخانا شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار بولغان چىگىتتىن قويۇلدۇرۇلغان ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، ئەكرەم بۇنىڭدىن بەك پەخىرلىنىدۇ. «ھازىر مېنىڭ ئايلىق مائاشىم 7000 يۈەن، شەھەردىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇ خىزمىتىمگە قولايلىق، بالىلىرىمنىڭ ئوقۇشىغىمۇ قولايلىق.» ئەكرەم مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەر ماڭا ئوخشاشلا يېزىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بولۇپ، ھەربىر كىشى ھەر ئايدا ئەڭ ئاز بولغاندا 5000 يۈەن مائاش ئالىدۇ، شىركەت ھەربىر خىزمەتچىگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېتىۋېلىپ بەردى، كۆپچىلىك بۇ يەردە ناھايىتى خاتىرجەم ئىشلىمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ