مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

2021.10.18 09:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرلىرىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى​

  مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

  10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرلىرىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىستېمىلىق سۇ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرلىرىگە قارىتا سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، مەسىلە يۆنىلىشىدە، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە تەييارلىق تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت سۈرئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش پىكىر يولىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەت قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان مۇھىم، زور سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىشى كېرەك. قۇرۇلىدىغان مۇھىم، زور سۇچىلىق تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى بالدۇر تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاش شارائىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەردە ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قاتتىق تۇتۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى قىزىل چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساغلاملىقنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، غىزالىنىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىشقا بارىدىغان، ئىشتىن چۈشكەنلەرنى ئاپىرىپ ئەكېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ياتاقتا يېتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ