مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

2021.10.18 09:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ۋە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى​

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك​

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ۋە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم، زور پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى. ئۇ ماركسىزملىق ھەقىقەت كۈچىگە تولغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا، كۈچلۈك دېموكراتىك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش؛ دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ۋە خەلق ئاممىسى ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا نازارەتچىلىك، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك، قانۇن بويىچە نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش؛ ۋەكىللەر خىزمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان سىياسىي ئورگان، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، خىزمەت ئورگىنى، ۋەكىللەر ئورگىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئىلھامى چوڭقۇر شەرھلەندى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قەتئىي توسۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتەك كۈچلۈك غەيرىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى تەنتەنىلىك جاكارلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، بارلىق ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

  يىغىندا ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئالاقىدار ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسمەن دائىرىدىكى يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسۇشى؛ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش - مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قانات يايدۇرۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشچانلىقىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئالاقىدار خادىملارغا قارىتىلغان خېسۇەن تەكشۈرۈشنى تېز قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى؛ رايونغا ئايرىلغان، دەرىجىگە ئايرىلغان دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇن ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم، ماددىي ئەشيا جەھەتتە تەڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا پورتلىرىدا پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى، ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى چىڭىتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنى پائال، پۇختا، سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن، لى يىفېي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ