مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونلىرىنى 5G تورى بىلەن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2021.10.18 09:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىر شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونلىرىنى 5G تورى بىلەن قاپلاش پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئۈرۈمچى شەھىرى 5G تورى تۇنجى تارقىتىلىپ سودىغا ئىشلىتىلگەن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەم زىچ سودا رايونلىرى ھەم ئاساسلىق شەھەر رايونلىرىنىڭ 5G تورى بىلەن بىرتۇتاش قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇر كابېل لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1 مىليون 421 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، كەڭ بەلباغ كەسپى ئۇلاش ئۇچى 21 مىليون 926 مىڭغا يەتتى، كۆچمە تېلېفون ئاساسىي پونكىتى 227 مىڭغا يەتتى، كۆچمە تېلېفون ئابۇنىچىسى سانى 29 مىليون 122 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 5G تورى ئابۇنىچىسى ئومۇمىي سانى 4 مىليون 373 مىڭغا يەتتى؛ مۇقىم كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىسى سانى 10 مىليون 190 مىڭغا يەتتى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 5G تورى ئاساسىي پونكىتىدىن 6505نى قۇرۇشنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1010نى قۇرۇش تاماملاندى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 5G تورى ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 13مىڭ 13ى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 3743ى قۇرۇلدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون 107 بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك 98 مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 5G تورىنىڭ ئۆي سىرتىنى ئۇدا قاپلىشى تاماملاندى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون 1408 بولۇپ، يېزا دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسلىق رايونىدىن 388ىنىڭ 5G تورى بىلەن قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى يېشىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۈرۈمچى − سانجى، قاراماي يادرو قىلىنغان «ئىككى يادرو، كۆپ سۈنئىي ھەمراھ» سانلىق مەلۇمات بايلىقى بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سانلىق مەلۇمات مەركىزى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئاپپارات جازىسى سانى 52 مىڭغا يەتتى. ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېسابلاش كەسپى بازىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭ ئۇچۇر كەسىپلەر باغچىسى (سانجى) خەۋەرلىشىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچ چوڭ كارخانىنىڭ غەربىي شىمال رايونى سانلىق مەلۇمات مەركىزىي بازىسىغا ئايلاندى. قاراماي «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى كىنو ـ تېلېۋىزىيە، كارتون فىلىم تۈس بېرىش بازىسى» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كىنو ـ تېلېۋىزىيە، كارتون فىلىم تۈس بېرىش بازىسى بولۇپ قۇرۇلدى، بۇ ئۈچ چوڭ باغچە رايونى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %90تىن كۆپرەك سانلىق مەلۇمات مەركىزى كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇھىم سانلىق مەلۇمات مەركىزى كەسىپ تەرەققىياتى توپلاشقان رايونغا ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ