مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، پارتىيە بايرىقى قىپقىزىل

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (8)

2021.10.18 09:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى ياراتتى، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ مەردانە ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. پارتىيەنىڭ بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش

  بۇ يىل، باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى −

  8ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا، تۈركۈم ـ تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلار ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ھېس قىلدى؛ ئورگانلاردا، كارخانىلاردا، مەھەللىلەردە، دېھقان ـ چارۋىچىلار كەچلىك مەكتەپلىرىدە ئاممىغا يېقىن بولغان، قىزغىن كەيپىيات كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان لېكسىيەلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى... كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولغاندىلا، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولغىلى بولىدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى.

  بۇ بەش يىلدا، بىز پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملىدۇق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش خىزمىتى يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، دائىملىق ئۆگىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشى، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

  بۇ بەش يىلدا، بىز پارتىيە ئىچىدە مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى كەسكىن بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تاۋلىدۇق، ئېڭىنى ئۆستۈردۇق، ئىستىلىنى ياخشىلىدۇق. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلىدۇق.

  ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، قورغان بەرپا قىلىش

  قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، مېۋە ـ چېۋە باغچىسى، مور باغچىسى، ئېكولوگىيە باغچىسى قۇردى، ئىلگىرىكى بۇ نامرات كەنت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى «ھاللىق كەنت»كە ئايلاندى.

  «بۇ ئۆزگىرىشلەر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قەھرىمان راخمان ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئاساسىي قاتلام گۈللەنسە شىنجاڭ گۈللىنىدۇ، ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولسا شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى −

  ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش روشەن يۆنىلىشى پۇختا تۇرغۇزۇلۇپ، پارتىيە ياچېيكىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردا «يۇلتۇز دەرىجىلىك» باشقۇرۇش بويىچە بەرپا قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى سىجىل كۈچ ئۇلاپ قانات يايدۇرۇلدى، تۈركۈم ـ تۈركۈم كادىرلار يېزا ـ كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياخشى ئىش قىلىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، جاسارەت بىلەن ياخشى كۈنلەرگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى؛

  پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، پۇختىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدىكى كۈچلەرنىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى؛

  كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باشلامچىلىرىغا ئەلالىرى تاللىنىپ، كۈچلۈكلىرى سەپلىنىپ، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بازىسى ياخشى قۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تايانچ كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى.

  ئاساسىي قاتلامنى قەتئىي بوشاشماي تۇتۇش، ئاساس سېلىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە بايرىقى ئاستىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇردى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

  ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مۇھىم. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئالاھىدە» بولغان مىللەتلەر رايونى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقتى.

  − ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش ئىلمىي، دەل جايىدا بولدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىش ئورۇنلىرى ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر، جاپالىق رايونلاردىكى خىزمەتلەردە كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى؛ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى كۈندىلىك بايقاش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش، سىجىل يېتىشتۈرۈش، مۇۋاپىق پەيتتە ئىشلىتىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، زور بىر تۈركۈم ياش كادىرلار ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە بوران ـ چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈپ، بېلىنى رۇسلاپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈردى.

  − كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقى زورايتىلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلارغا كۈچ قوشىدىغان مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ كەسىپلەشكەن ساپا ئىقتىدارى قاراتمىلىق ھالدا ئۆستۈرۈلدى.

  − مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىۋاتقان كادىرلارغا يار ـ يۆلەك بولۇندى، ئىلھام بېرىلدى. «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش» تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، كادىرلار بۆسۈپ ئۆتۈشكە ـ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىشقا، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى مەردانە بولۇش، ھەقىقىي ئالتۇن بولۇشقا يېتەكلەندى.

  − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، تەقدىرلىنىپ ۋە مۇكاپاتلىنىپ، «ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش» قىزغىن دولقۇنى قوزغىتىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ھەقىقىي ئىش قىلىدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان زور بىر تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلار ھەرقايسى سەپلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى يۇرتداشلارنىڭ «قىرتاق، شورلۇق سۇ» بىلەن خوشلىشىپ، «تاتلىق سۇ» ئىچىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» ليۇ خۇنىڭ ھېكايىسى كىشىنى تەسىرلەندۈردى؛ سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق كۆل سۈيىدە، ھاياتى بىلەن ھاياتلىقنى قۇتقۇزغان «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ئىش ئىزلىرى سانسىزلىغان كىشىنى رىغبەتلەندۈردى؛ 30 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، نامرات كەنتنى نەمۇنىلىك كەنتكە ئايلاندۇرغان «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى...

  بەش يىلدىن بۇيان، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

  يۇلتۇزلار يول ماڭغۇچىلارغا ھەمراھ، ۋاقىت كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئېتىقادنى چىڭىتىپ، بۇرچنى يەردە قويماي، ھەر مىللەت ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ