مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021.10.18 09:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

  ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن، لى يىفېي قاتناشتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن، لى يىفېي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتناشتى.

  يىغىندا چېن چۈەنگو، لى يىفېي، تيەن شياڭلى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىردىكى ماركسىزم، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قوللىنىشنىڭ شانلىق ئۈلگىسى، ئۇ مول ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتتىكى ئىلمىيلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادچانلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىنى سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر سىياسىيدا «زېرەك ئادەم» «سەمىمىي ئادەم» بولۇپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىنى سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ