مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىن ئالماشتۇرۇش يىغىنى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2021.10.15 10:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئۆكتەبىر جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىن ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى، رۇسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى، ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملار، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 50 نەچچە كىشى سىنلىق پائالىيەتكە قاتناشتى.

  رۇسىيە مۇفتىلار كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، مۇسۇلمانلار دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاپپاسوف مۇنداق دېدى: رۇسىيە مۇسۇلمانلار دىن ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئۇزاقتىن بۇيان پائال ھەمكارلاشتى. بىز شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.

  جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۈزدى، مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقى ئۈزۈكسىز زورايدى، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر سىياسىي مەقسەتنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى كۆزگە ئىلماي، شىنجاڭغا تەلۋىلەرچە قارا چاپلىدى. يوللۇقلار نۇسرەت تاپىدۇ، يولسىزلار يېتىم قالىدۇ. يېقىندا ئاخىرلاشقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزگە يېقىن دۆلەت جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوللىدى. بۇ لىللا تەدبىر، ھەققانىيەت ساداسى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سېيىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزۈكسىز ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 137 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى. ھازىر شىنجاڭدا ئۇدا بەش يىلغا يېقىن زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدى ئىشقا ئاشتى.

  شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىن كەلگەن ئامما ۋەكىللىرى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنى سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە تەربىيەلەش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئەمگەك قىلىش، ئون ئىككى مۇقام سەنئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ