مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى باشلىدى

2021.10.14 14:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىر سۇ لۇپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى باشلىغان.

  پۈتۈن جەريانلىق ئەملەش بىلەن ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنىڭ ئارىلىقى ئالتە ئاي بولۇش ۋاقىت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز 2021-يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە ئىككى قېتىملىق ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ياكى بىر قېتىملىق بەز ۋىرۇسى توشۇغۇچى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تاماملىغان ۋاقتى ئالتە ئاي بولغان 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەر توپىغا قارىتا تەرتىپ بويىچە ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنى ئېلىپ بارىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ئاساسىي ئىممۇنىتېتلاشنى تاماملاپ مۇئەييەن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئادەم تېنىدىكى قوغدىغۇچى ئانتىتېلا تەدرىجىي ئاجىزلايدىغان ياكى يوقاپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئورگانىزمنىڭ زۆرۈر بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ۋاكسىنىنى يەنە بىر قېتىم ئەملەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئارقىلىق ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشتە ئېغىر دەرىجىدە ناچار تەسىر پەيدا بولمىغان، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، ئانتىتېلا سەۋىيەسى ئېشىپلا قالماستىن، ئانتىتېلا سىپېكترى تېخىمۇ كېڭەيگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ