مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئاپئاق پاختا بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى»

2021.10.14 14:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون «پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش» مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

  «ئاپئاق پاختا بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى»

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىدى ھەم بۇنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنى يولسىزلارچە چەكلىدى. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە «پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش» مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا شۇ جايدىكى ئالتە پاختىكار ۋە پاختا كەسىپكارى ئۆز بايانلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي شەرھلىدى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى كېۋەزلىكتە ئۆتكۈزۈلدى. ماشىنىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، قىزىل رەڭلىك ئۈچ پاختا يىغىش ماشىنىسى ئۇياقتىن-بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بىردەمدىلا، ئاپتوماتىك تايلانغان ئاق رەڭلىك پاختا تايلىرى ئېتىزغا ئارقا-ئارقىدىن قويۇلدى. يەنە بىر تەرەپتە، ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇچۇرۇش ماھىرى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا مەشغۇلات قىلىپ، كېۋەزلىككە يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسى پۈركۈدى. ئىلگىرى زور مىقداردا ئادەم كۈچى بىلەن ئەمگەك قىلىشقا توغرا كېلىدىغان كېۋەزلىكلەردە، بۈگۈنكى كۈندە ماشىنىلىشىش ئاللىبۇرۇن ئىشقا ئاشتى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسى دۆڭقوتان كەنتىدىكى پاختىكار نۇرئەلى ئۆمەر ئۆزىنىڭ كېۋەز تېرىش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى. نۇرئەلى 1000 مو يەرگە كېۋەز تېرىيدىغان بولۇپ، 2018-يىلىدىن ئىلگىرى، كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىشتا ئاساسلىقى ئادەم كۈچىگە تايىناتتى. ھەر يىلى پاختا تېرىش مەزگىلىدە، ئۇ 80~70 ئىشچى تەكلىپ قىلىپ پاختا تېرىيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ كەنتتىكى ئاھالىلەرمۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئىشلىگۈچىلەرمۇ بار ئىدى، يەنە باشقا ئۆلكىلەردىن مەخسۇس شىنجاڭغا پاختا تەرگىلى كەلگەن ئىشلىگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بىر پاختا تېرىش مەزگىلىدە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر پاختا تەرگۈچى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايتتى. نۇرئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇنىڭ سەككىز تىراكتورى، بىر يول باشلاش سىستېمىلىق ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، بىر يەر تۈزلەش ماشىنىسى، سەككىز كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمىنى بار ئىكەن. 1000 مو كېۋەزلىكنى پەقەت بەش ئادەم باشقۇرسىلا بولىدىكەن. «بۇ بەش ئادەم ئىلگىرى يېزىدىكى دېھقان ئىدى، ھازىر كېۋەز تېرىش ماھىرى بولۇپ قالدى. مەن ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىدىم، يىللىق مائاشى 40 مىڭ يۈەن».

  ھازىر شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا يۇقىرى دەرىجىدە ماشىنىلىشىش ئاللىقاچان ئىشقا ئاشتى. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خې مياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2021-يىلى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئېشىپ كەتكەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %96كە يەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئالدىراش پاختا تېرىش مەزگىلىدىمۇ كۆپ مىقداردىكى پاختا تەرگۈچىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىكەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى سەمى يۈسۈپ، ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇچۇرۇش ماھىرى ئۆمەرجان بۇرھان ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىمى كېرەم راخمان ماشىنىدا كېۋەز تېرىش، ماشىنىدا پاختا يىغىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  «مەن 500 مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىيمەن، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 400 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن ئىككى كۈندىلا يىغىپ بولغىلى بولىدۇ. ھازىرقى باھا بويىچە، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ.» لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى پاختىكار ئەركىن رېھىم مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن سىچۇەنلىك بەش ئىشچىنى كېۋەزلىكنى پەرۋىش قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم. كەڭ كۆلەملىك ماشىنىلاشقان مەشغۇلات پاختىكارلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلىتىپ، بوش ۋاقتىنى يېتەرلىك قىلدى، ئائىلىمىز يەر تېرىغاندىن باشقا، يەنە 38 كالا، 100 نەچچە قوي بېقىپ، كىرىمنى بارغانسېرى كۆپەيتتۇق.

  «ئاپئاق پاختا بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. بىز ئەمگەك قىلىپ كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ، ئەجرىمىز بىلەن بەختكە ئېرىشسەك، بۇنىڭ نەرى خاتا؟» ئەركىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پاختىكارلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى. نەق مەيداندىكى ئالتە بايان قىلغۇچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپئاق پاختا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پاختىكارلارنىڭ ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن، پىتنە-ئىغۋا تېرىغۇچىلارنىڭ داغ تەگكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. پاكىت ئالدىدا، يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ھامان ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ