مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچى بىزنىڭ زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت

2021.10.14 14:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خې دۇڭياڭ:

  ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچى بىزنىڭ زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت

  «ئۈستۈنكى قەۋەتتىن سۇ چىقىپ كەتتى، بىنانىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان ئادەم يوق... ئاھالىلەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىرىنچى بولۇپ مەھەللىنى ئىزدەيدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچى بىزنىڭ زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى چياۋدۇڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خې دۇڭياڭ.

  چياۋدۇڭ مەھەللىسى تەۋەلىكىنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس، ئۇ تىپىك ئولتۇراقلىشىش تىپىدىكى مەھەللە بولۇپ، تەۋەلىكىدە جەمئىي تۆت ئولتۇراق رايون، 4000دىن ئارتۇق ئاھالە بار. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، چياۋدۇڭ مەھەللىسى ئۇل ئەسلىھەلەر كونىراپ كېتىش، قىسمەن يوللار تار بولۇش، يول يۈزى ئېغىر بۇزۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنىدى.

  2018 - يىلى، خې دۇڭياڭ چياۋدۇڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. تازىلىق قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش... قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى شۇ يەرگە باردى. مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، لېكىن ئاھالىلەرنىڭ مەھەللە خىزمىتىگە سىڭىپ كىرىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ 2019 - يىلى، چياۋدۇڭ مەھەللىسى بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «بىنا باشلىقلىرى كېڭىشىش يىغىنى» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرىنى باشلامچى قىلىپ، پىدائىيلار مۇرەسسە گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، قەرەلسىز ھالدا ئولتۇراق رايوندا يىغىن ئېچىپ، مەھەللە ۋە ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاممىۋى رايونلارغا قارىتىلغان مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تۈزەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئورتاق كېڭەشتى.

  «ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى سورىغانغا سېلىشتۇرغاندا، <بىنا باشلىقلىرى كېڭىشىش يىغىنى> شەكلى تېخىمۇ قولايلىق ئىكەن. ئاھالىلەرنىڭ قانداق ئىشى بولسا، ھەممەيلەن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، خەلق رايىنى توپلاش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىكەن.» خې دۇڭياڭ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر ھەم ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قاتناشقۇچىلار، «بىنا باشلىقلىرى كېڭىشىش يىغىنى» تۈزۈمىنى ئورناتقاندا، ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىدا ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  يېنىك سانائەت ماشىنىلىرى زاۋۇتى ئولتۇراق رايونى مۈلۈك باشقۇرۇشى يوق كونا ئولتۇراق رايون بولۇپ، بۇ يىل 8 - ئايدا، مەھەللىنىڭ كۆكەرتىش ۋە تازىلىقىغا مەسئۇل تازىلىق خادىمى سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ئىستېپا بەردى. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا، خې دۇڭياڭ ئولتۇراق رايوندىكى بىنا باشلىقلىرى بىلەن قورۇدا ئولتۇرۇپ، بىر قېتىملىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى.

  بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىنا باشلىقلىرى ئولتۇراق رايوندىكى پىدائىيلارنى باشلاپ نۆۋەتلىشىپ مەسئۇل بولىدىغان، ھەرقايسى بىنالار بىر - بىرىنى نازارەت قىلىدىغان بولدى.

  «ئىش ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. ئويلىمىغان يەردىن كېڭىشىش يىغىنىدا كۆپچىلىك ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىت تازىلىقى ھەربىر ئاھالىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۆزىگە تەۋە جاينى ئۆزى تازىلاش كېرەك دېيىشتى.» خې دۇڭياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەردىن بىرىمۇ تازىلىق توغرىسىدا ئەرز قىلىش تېلېفونى قىلىپ باقمىدى.

  خەيتاڭ مىڭجۈ ئولتۇراق رايونىغا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پونكىتى قۇرۇش؛ يېنىك سانائەت زاۋۇتى ئولتۇراق رايونىنىڭ يەر يۈزىدىكى گۈللۈك خىشلارنى ئوڭشاش؛ مەھەللىنىڭ بوش يېرىگە شاھمات ئۈستىلى، مېھىر - شەپقەت ئورۇندۇقى، چېنىقىش سايمانلىرى ئورنىتىش... «بىنا باشلىقلىرى كېڭىشىش يىغىنى» ئارقىلىق، چياۋدۇڭ مەھەللىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىق ئىلتىماس - تەلىپىدىن 61نى توپلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈن يىللىق ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، 37 قېتىم پۈتۈن جەريانلىق ۋاكالىتەن كەسىپ بېجىردى.

  بىر مەھەللە خىزمەتچىسى خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: «قەدەممۇقەدەم ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىقلا ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم».

  «بىر مەھەللە كادىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرقى مەھەللە مۇلازىمىتى بارغانسېرى ئىنچىكىلەشتى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاھالىلەرگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مەھەللە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئاھالىلەر بىزگە ئىشەندى، بۇنىڭدىن مەھەللە خىزمىتىنىڭ جايىدا ئىشلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى خې دۇڭياڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ