مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن توردىكى بىر كۈنلۈك تارقىتىلىش مىقدارى 120 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2021.10.14 14:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئانار بۇلۇت 100دىن ئارتۇق تاراتقۇ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، شىنجاڭ پاختىسىنى «بۇلۇت تېرمىنالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى»

  10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، «شىنجاڭ پاختىسى ئېچىلدى» دېگەن سۆز پۈتۈن توردىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆزگە ئايلاندى. شۇ كۈنى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى باشلىغان «شىنجاڭ پاختىسى ئېچىلدى» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ بىۋاسىتە تارقىتىپ خەۋەر قىلىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100دىن ئارتۇق تاراتقۇ سۇپىسىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىپ، پۈتۈن توردىكى بىر كۈنلۈك تارقىتىلىش مىقدارى 120 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋېيبودىكى سۆز تېمىسىنىڭ ئوقۇلۇش مىقدارىلا 60 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئالاقىدار سۆز تېمىلىرى ۋېيبو، دوۋيىن قاتارلىقلاردا قىزغىن ئىزدەپ كۆرۈش تىزىملىكىگە كىردى.

  شۇ كۈنى سائەت 11دىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بىۋاسىتە تارقىتىش كوللېكتىپى جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئاۋات ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسى، شىخەنزە شەھىرى، بورتالا شەھىرىدىن ئىبارەت بەش جايدا ئۇدا ئۈچ يېرىم سائەت كۈچ ئۇلاپ بىۋاسىتە تارقىتىشنى باشلاپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىپ بىۋاسىتە تارقىتىش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تور ئەھلىنى شىنجاڭنىڭ ماشىنىلاشقان پاختا يىغىۋېلىشىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە كۆرۈش، شىنجاڭنىڭ پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى قاتارلىق پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە يېتەكلىدى.

  شۇ كۈنى، خەلق تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، يەر شارى تورى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى سىنى، جۇڭگو ياشلار گېزىتى، شىنجىڭ گېزىتى، پېڭپەي خەۋەرلىرى، مۇقاۋا خەۋەرلىرى، تېڭشۈن خەۋەرلىرى، بۈگۈنكى باش خەۋەر، دوۋيۈ، ۋىيشىن سىن نومۇرى، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 نەچچە تاراتقۇ ۋە بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسى ماس قەدەمدە بىۋاسىتە تارقاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋېيبو، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭ پاختىسى ئېچىلدى» «شىنجاڭ پاختىسىنىڭ قانداق يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى» قاتارلىق ھەمتۈرتكە تېمىلارنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 20گىچە، ۋېيبودىكى ئالاقىدار تېمىلارنىڭ ئومۇمىي ئوقۇلۇش مىقدارى 60 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بۇ قېتىمقى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرىنىڭ پۈتۈن توردىكى بىر كۈنلۈك تارقىتىلىش مىقدارى 120 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، تارقىتىش سانلىق مەلۇماتى نۆۋەتتە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتىدۇ.

  بىۋاسىتە تارقىتىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش ھەمتۈرتكە رايونلىرىمۇ تور ئەھلىنىڭ «ماختاش توپى»غا ئايلاندى − «پاختا خۇددى قارغا ئوخشاش زېمىننى قاپلاپتۇ، بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن» «مېنىڭمۇ كېۋەز تېرىغۇم بار» «شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى» «ئاپام ماڭا قىز مېلى سۈپىتىدە بەرگەن يوتقانلارنىڭ ھەممىسىگە شىنجاڭ پاختىسى ئىشلىتىلگەن»... ھەرقايسى جايلاردىكى تور ئەھلى بەس - بەستە سۆز قالدۇرۇپ، شىنجاڭ پاختىسىغا «ھەر خىل شەكىلدە كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ»، شىنجاڭ پاختىسىنى ئالقىشلىدى.

  بۇ قېتىمقى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ بىۋاسىتە تارقىتىشقا قاتناشقان بېيجىڭ گېزىتى سىن بىۋاسىتە تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى مەن جىيۈ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ بىۋاسىتە تارقىتىشتا سۇپا، رايون ھالقىپ شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈندى، پاختا يىغىۋېلىش چوڭ كۆرۈنۈشى بار بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ پاختا سورتىنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنىڭ پۈتۈن جەريانى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلدى، خەۋەر قىلىش نۇقتىسى يېڭى، بىۋاسىتە تارقىتىش ۋاسىتىسى كۆپ خىل، مەزمۇنى جانلىق، مول بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاراتقۇلار بۆلۈپ ئۇلاپ تارقاتقاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ شىنجاڭ پاختىسىغا بولغان تونۇشى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى».

  «بۇ مەيدان بىۋاسىتە تارقىتىش <قىزغىن ئىزدەش> تېمىسىغا ئايلاندى، بۇ، بىۋاسىتە تارقىتىشنىڭ باش تېمىسى ئىنتايىن قالتىس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ! بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ خەۋەر قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرەلىگەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق» دېدى «شىنجىڭ گېزىتى»نىڭ «بىزنىڭ سىنىمىز» سۇپىسىنىڭ نوپۇزلۇق يېتەكچى دىكتورى خۇ شياۋنەن.

  «بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە تارقىتىشتا بىزنىڭ تارقىتىش سۇپىمىزدىلا 429 مىڭ 800 ئادەم قېتىم توردا كۆرۈش مىقدارى بار بولدى، شىنجاڭنىڭ پاختا يىغىۋېلىش كۆرۈنۈشى بىۋاسىتە، ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۆپچىلىك بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىقمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تولۇپ تاشقان غەيرىتى ۋە پاختىچىلىق كەسپىنىڭ شۇ جايدىكى پۇقرالارغا ئېلىپ كەلگەن بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ.» گۇاڭدۇڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «چۇديەن خەۋەرلىرى» بىۋاسىتە تارقىتىشىنىڭ تىجارەت دىرېكتورى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ بىۋاسىتە تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق تاراتقۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى كۈرەش ھېكايىلىرىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، ھەقىقىي، قالتىس، ئىتتىپاق، مۇقىم تەرەققىي قىلغان شىنجاڭنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، بۇ بىۋاسىتە تارقىتىشقا قاتنىشىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى!»
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ