شىنجاڭدىكى كېۋەزلىكتە مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2021.10.13 20:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەت پاختا كەسپى ئىتتىپاقى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دۆلەت پاختا ئىتتىپاقى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ CCIA) ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى سۈپەتلىك پاختىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېۋەزنى يادرو، كېۋەزلىكنى كۆرگەزمە مەيدانى قىلغان بىر مەيدان مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  مودا كىيىم كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا، يۈرۈشلۈك ئاياللار كىيىمى (ئۆسۈملۈك بويىقى رەڭلىك كۆڭلەك)، ئەرەنچە كىيىم (پادىچىلار كىيىمى) ۋە بالىلار كىيىمى (ئىچ كىيىم / يىپەك يولى تاڭ ئۇسلۇبى كىيىمى) قاتارلىق يېشىل پاختا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. تەبىئەت بىلەن سەنئەتنىڭ بىرىكىشى، پاختا بىلەن مودانىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق، پاختا بىلەن كۆرگەزمە مەيدانى زىننەتلىنىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتى نامايان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان پاختا مەھسۇلاتلىرى CCIA يۇقىرى سۈپەتلىك پاختىدىن يىپ ئېگىرىش، توقۇش، كېيىنكى رەتلەش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولۇپ، مودېللارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى ئارقىلىق كېۋەزلىكتە نامايان قىلىنىپ، ئادەم بىلەن يەر تۇتاش بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىللە ياشاش ئىدىيەسى تەشەببۇس قىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ لايىھەلىشى ۋە ئېھتىياجى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك پاختىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تېرىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ