مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق كىنو ئۈرۈمچىدە تۇنجى قويۇلدى

2021.10.11 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، لاچىن بايەكەنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى قويۇلدى، كىنودا «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسى قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  فىلىمدە لاچىن بايەكەنىڭ بوۋىسى، دادىسىدىن چارلاشتىكى يول باشلىغۇچىلىق كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ۋەتەننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي چارلاش جەڭچىلىرىنى كۆپ قېتىم قۇتقۇزۇپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە قەيسەرلىك بىلەن چىڭ تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، 41 ياشلىق لاچىن بايەكە بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

  بۇ كىنونى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىدى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى سېنارىيەلەشتۈرۈپ سۈرەتكە ئالدى. تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ ئىستۇدىيە باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ سېنارىستلىقنى ئۈستىگە ئالدى، ئىلگىرى «كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار» ناملىق كىنوغا رېژىسسورلۇق قىلغان ئابدۇكېرەم ئابلىز رېژىسسورلۇقنى ئۈستىگە ئالدى. فىلىمنى 160 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئىجادىيەت قوشۇنى يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈش دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكتە تاماملاندى. بۇ فىلىم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى نامايان قىلىپ ۋە شەرھلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ئىجابىي رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى جانلىق، تەسىرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ