مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

42 يىلدىن كېيىن شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسى يەنە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

ئابدۇغېنى تۇرغۇن 60.58 مېتىر ئارىلىققا ئېتىپ، ئەرلەرنىڭ دىسكا ئېتىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى

2021.09.27 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  ئابدۇغېنى تۇرغۇن (سولدا) ۋە ئۇنىڭ تىرېنېرى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئالتۇن مېدالنى نامايان قىلماقتا. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1-چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر دىسكا ئېتىش مۇسابىقىسىدە 24 ياشلىق شىنجاڭ ماھىرى ئابدۇغېنى تۇرغۇن تۆتىنچى قېتىم ئاتقان 60.58 مېتىرلىق نەتىجىسى بىلەن چېمپىيون بولدى. بۇ ئالتۇن مېدال دەي جيەنخۇا 1979-يىلى 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا توساق ئاتلاپ يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، 42 يىلدىن كېيىن شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشى بولۇپ قالدى، بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىدە ئېرىشكەن تۇنجى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتۇن مېدالى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇسابىقىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىقى 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياۋ يۆگۈي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «42 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرلىرى ئىزچىل تىرىشىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭ ماھىرلىرى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى، لېكىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا ھەمىشە ئالتۇن مېدال بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈن ئابدۇغېنى ئالىي مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ، نەچچە ئەۋلاد شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا خادىملىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنى تەبرىكلەيمەن، شىنجاڭ ئېتىش ئەترىتىنى تەبرىكلەيمەن.»

  شۇ كۈنى ئەرلەر قۇملۇق ۋالىبولى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ ۋە سالام ئەخمەت گۇرۇپپىسى لياۋنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى لى جوشىن ۋە شۆ تاۋغا يېڭىلىپ قېلىپ، بىر كۈمۈش مېدال ئالدى، بۇ يەنە شىنجاڭ ئەرلەر قۇملۇق ۋالىبولىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇپ قالدى. تۈنۈگۈن كەچتە ئاخىرلاشقان تەپمە بوكس تۈرىدە ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگراملىقلار بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرى مەردان تۇرسۇن جياڭسۇ كوماندىسى ماھىرى يەن چېننى يېڭىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ