مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

2021.09.27 09:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىناق، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ رايون پەرقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. تىپ ئارقىلىق يول باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، تەجرىبىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تاۋلاشقا ماھىر بولۇپ، تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇش، كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىنى بىرلىشىپ تۈزەش، خىزمەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ئامانلىقنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ