مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2021 - يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى باشلاندى

2021.09.27 09:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 2021 - يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى سانجى شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن رايون ۋە ئۈزۈم ھارىقى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرىدىغان ۋە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ رايون، ئۆستۈرۈش كۆلىمى، ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بىرقەدەر زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئۈزۈم ھارىقى ماركىلىرى بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى «14 - بەش يىل»دا نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ بىرى قىلىپ، ئالاقىدار تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى يېتەكچى پىكرى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  چېن ۋېيجۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان يادرولۇق رايون» بەرپا قىلىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۈزۈم ھارىقى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بەرپا قىلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئۈزۈم ھارىقى ئارقىلىق 1 -، 2 -، 3 - پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى يېڭى ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم ھارىقى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق خاس كەسپى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ماركىلىق كەسىپنى بەرپا قىلىدۇ؛ ئۈزۈم ھارىقى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىپ، خەلقئارا سەھنىگە يۈزلەندۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بادەي، جاۋ چىڭ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھەم جۇڭگو ھاراقچىلىق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ