مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.09.27 09:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

  يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىجادىي، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۆگىنىش تەسىراتلىرى ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جانلىق قانات يايدۇردى. يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، مەسىلىنى بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى قىياپەت يارىتىپ، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، دەۋر خاراكتېرى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشىلىشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، جەزمەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، سىستېمىلىق كۈچەپ، سىجىل كۈچ چىقىرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ شەكىللىك قاپلاشتىن ئۈنۈملۈك قاپلاشقا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كېڭىشىش دېموكراتىيەسى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئارقىلىق كېڭىشىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر كېڭىشىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئامما ئاساسىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى كېڭىشىش ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ساھە ئايرىمىسى خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، يېتەكلەش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەش، كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇل يولداشلىرىدىن ئالتە كىشى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ