مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2021.09.27 09:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر تاڭ تاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى. مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخنىكا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەردە دەل جايىدا كۈچەپ، سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىمىز. سۇبيېكتلىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەيمىز، كېڭەيتىمىز. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

  تاڭ تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى سىياسىي، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن تولۇق تونۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ تېخنىكا ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نىشان يېتەكچىلىكى، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمنى تەكشۈرۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خاسلىقىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۇي، ياڭ فاسېن، جاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمى ھەم ئەمگەك مۇلازىمىتى جەھەتتە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ياردەم بېرىۋاتقان، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ