مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ۋاكالىتەن پەرزەنت»لەر ياشانغانلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى

2021.09.27 09:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قاراماي شەھىرى:«ۋاكالىتەن پەرزەنت»لەر ياشانغانلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى

  «گۇ موما، بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ ئۆيىڭىزدە مەن قىلىشىپ بەرگۈدەك ئىشلار بارمۇ؟» 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى قىزىلبايراق دېموكراتىيە مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جيەندۇڭ 79 ياشلىق مەھەللە ئاھالىسى گۇ شۇجېننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، موماينى يوقلىدى.

  گۇ شۇجېن موماي بىلەن ئالاقە ئورناتقان «ۋاكالىتەن پەرزەنت» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ جيەندۇڭ ھەر ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا گەۋدىلەندۈردى. «قىزىل ھۈجەيرە» پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزمىغا بىرلەشتۈرۈپ، «كىچىككىنە مۇلازىمەت»نى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «كىچىككىنە غەمخورلۇق»نى نامايان قىلدى.

  قىزىلبايراق دېموكراتىيە مەھەللىسى مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ «كىچىككىنە ئارزۇ»سىنى يىغىش داۋامىدا، مەھەللىدىكى بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىنى، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن كىچىك ئىشلارنىمۇ قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ مەھەللە «ۋاكالىتەن پەرزەنت» مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەھەللىدىكى 70 ياشتىن ئاشقان 22 ياشانغان كىشىگە قارىتا، مەھەللىدىكى كادىرلار ياشانغانلارغا ۋاقىتلىق پەرزەنت بولۇپ، ياشانغانلار ئۈچۈن كۆكتات سېتىۋېلىش، دورا سېتىۋېلىش، ياشانغانلارنى ئاپىرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىش قاتارلىق تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشانغانلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللىدىكى 22 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، كادىر ياشانغانلار بىلەن بىرگە بىر قوشماقلىشىپ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى.

  مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قىلغان ياردەمنى تىلغا ئالغاندا، گۇ شۇجېن موماي مىننەتدار بولغان ھالدا تەرىپلەپ: «بەك ياخشى بولدى، ئىشىم چىقىپ قالسىلا، ئۇلارغا بىر تېلېفون قىلساملا كېلىدۇ!» دېدى.

  گۇ شۇجېن موماي ئۆزى يالغۇز تۇراتتى، قىزى سىرتتا خىزمەت قىلاتتى، ئوغلىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، پەقەت ھەپتە ئاخىرىلا ئۇنى كۆرگىلى كېلەلەيتتى. موماينىڭ قەنت كېسىلى بار، پۇتىمۇ ئاغرىغاچقا، يول ماڭغاندا ھاسىغا تايىناتتى. مەھەللە موماي ئۈچۈن «ۋاكالىتەن پەرزەنت» بولۇشقا ۋاڭ جيەندۇڭنى ئورۇنلاشتۇردى ھەم «ۋاكالىتەن پەرزەنت» دېگەن خەت ۋە مەھەللە تېلېفونى يېزىلغان قەلبداشلار كارتىسىنى موماينىڭ ئالاقىلىشىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن موماينىڭ ئۆيىدىكى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان ئورۇنغا چاپلاپ قويدى.

  ئادەتتىكى كۈنلەردە، موماينى دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى ئاپىرىش، مومايغا قەرەللىك دورا سېتىۋېلىش، كۆكتات سېتىۋېلىش، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ۋاڭ جيەندۇڭنىڭ خىزمىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئۇ دائىم موماينىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بېرىپ، موماي بىلەن پاراڭلىشىدۇ، موماينىڭ ئۆي تازىلىشى، ئۆي يىغىشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  «بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىك ئىشلار، لېكىن ياشانغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردۇق. بىر كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىم، ھەم ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتكە ئېرىشتىم» دېدى ۋاڭ جيەندۇڭ.

  قىسقىغىنا بىرنەچچە ئايدا، گۇ شۇجېن موماي بىلەن ۋاڭ جيەندۇڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى، موماينىڭ پەرزەنتلىرىمۇ مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتتى.

  قىزىلبايراق دېموكراتىيە مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تيې يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: قىزىلبايراق دېموكراتىيە مەھەللىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مەۋقەسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئېھتىياجلىق بولغان، ئالدىراۋاتغان ئىشلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە داۋاملىق ئاممىنىڭ <كىچىككىنە ئارزۇ>لىرىنى يىغىپ، <ۋاكالىتەن پەرزەنت> مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ