مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىش

− 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ بىر يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (1)

2021.09.27 09:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋاقىت سادىق خاتىرىلىگۈچى، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ گۇۋاھچى.

  ۋاقىت ئىسترېلكىسى بىر يىل بۇرۇنقى بۇ مۇھىم پەيتنى كۆرسەتتى − 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  تاپشۇرۇق قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىدى؛ ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ھەسسىلەپ ئاشتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىردەممۇ ئۇنتۇپ قالمىدى؛ بىر يىلدىن بۇيان، تىنچ، ئىناق شىنجاڭغا يېڭى بەخت ئاساسىي رېڭى قوشۇلدى، مۇقىملىق پايدىسى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى. ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقتىكى «رەسىم رەختى»نىڭ ھەممىلا يېرىدە كىمخابتەك گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، ھەممىلا يېرىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇردى...

  باش نىشان بايرىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى يېتەكلىدى

  بۇ قېتىمقى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يەنە جانلاندى!

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قۇملۇق، كۆل بويى، ئوتلاقلاردا سەيلە قىلىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇزىكا كېچىلىكى ئېلىپ كەلگەن چەكسىز رومانتىك مەنزىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، كۈز كۈنلىرىدىكى توغراقلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشتى، بوغدا كۆلى بويىدا «تىيانشاندىن چىقتى تولۇن ئاي» دېگەن گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندى ...

  گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، قىزغىن ساياھەتچىلەر يەنىلا شىنجاڭغا بولغان ئىنتىلىشىنى باسالمىدى. جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچى 3 مىليون 201 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 2 مىليارد 190 مىليون يۈەن بولدى.

  رەقەملەرنىڭ ئارقىسىدا ئەكس ئەتكەن ئىچكى خاس مەزمۇننى ئوبدان دەڭسەپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. «شىنجاڭ ناھايىتى بىخەتەر ئىكەن!» يىراقتىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى شۇنداق دېيىشتى.

  ساياھەتچىلەر تىلغا ئالغان «بىخەتەر» دېگەن سۆز ئىككى خىل مەنىگە ئىگە بولدى − يەنى شىنجاڭ ئىناق، مۇقىم، مەيلى قەيەرگىلا بارايلى، خاتىرجەم خۇشال كەيپىيات كىشىلەرگە يار بولدى؛ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئارقىسىدا، ھەممىلا يەر تەرتىپلىك بولۇپ، كىشىگە جىسمانىي جەھەتتىن «بىخەتەر»لىك تۇيغۇسى بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى روھىي جەھەتتىن «خاتىرجەم»لىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.

  جەمئىيەت مۇقىم بولغان ھالەت ۋە مۇقىملىق پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن.

  «پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك». 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى.

  باش نىشان − بايراق، يۆنىلىش. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

  «مەززىلىك تائاملارنى يەپ، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام يۈرۈش.» بۈگۈنكى شىنجاڭ باياشاتلىققا تولغان، ھەممە كەسىپلەر روناق تاپقان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان مەزگىلدە تۇرماقتا.

  جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى

  قەدىمدىن بۇيان چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپقان؛ چېگرا رايون قالايمىقان بولسا، دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزۇش تەس بولغان. ئاپتونوم رايونىمىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  «تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، جۇڭگو شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردى». 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. نۇرغۇن ئەلچىلەر مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىققان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تىنچلىقتا خەۋپ - خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق، ئاسايىشلىقتا مالىمانچىلىقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، پولشا، قازاقىستان، مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى ۋەكىللىرى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە، زىيارەتتە بولدى. خۇانو ئېشياڭ (بېيجىڭ) سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى لىن شى بېلارۇسىيەدىن كەلگەن. ئۇ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى ساياھەت قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن بازار دېگەن بۇ سۆزنى چۈشىنىمەن، لېكىن بۇ جاينىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن! مەيلى ساياھەتچى ياكى سودىگەر بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ».

  شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن كىشى «ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمىز» دېيىشتى. ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن شىنجاڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، نۇرغۇن كىشى «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»كەن دەپ ھاياجانلاندى. يېقىندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەنمۇ ۋىيبودا شىنجاڭنى قوللاپ: بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي! دېدى.

  «باھاردا دەريا سۈيىنىڭ ئىللىغانلىقىنى ئاۋۋال ئۆردەك بىلىدۇ» تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى جەمئىيەت مۇھىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتىغا نىسبەتەن سەزگۈر تۇيغۇغا ئىگە.

  رەقەم ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىنغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 2 مىليون 95 مىڭ بولۇپ، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 88.7 ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئالدىنقى ئۈچ ئورۇن تەرتىپ بويىچە قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئاپتونوم رايونىمىزغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قارىتا تولۇق بولغان مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىگە ئىگە قىلدى.

  «ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ كىلىمات، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، نۇرغۇنلىغان تۈرلەر تېز ئەمەلىيلەشكەن بولۇپ، ھەممىلا جايدا سودا پۇرسىتى بار دېيىشكە بولىدۇ.» شىنجاڭ جۇڭيى لىفىت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى گوجيې چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەبلەغ سالماقچى بولساق سەل دىلىغۇل بولاتتۇق، ھازىر كېچىكىپ قالساق ئۈلگۈرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان بولدۇق!» قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە كۆزى چۈشۈپ، بۇ شىركەت 1 - قاراردا 110 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان لىفىت ياساش تۈرى مۆلچەرلىنىشىچە 9 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش دانا تەدبىر، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى. ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى، بۇ «خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش»نىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسى.

  ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى

  ئەر - خوتۇن ئاجراشماقچى بولسا، «يېتەكلەش شەكلى»دە ياراشتۇرۇپ قويۇش؛ دېھقان ئىشچىلار ئىش ھەققىنى ئالالمىسا، ئەمگەك رېۋىزىيە تارماقلىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە «ھەمتۈرتكە شەكلى»دىكى مۇرەسسەنى قانات يايدۇرۇش... كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شىنچېڭ ساقچىخانىسى «جانلىق» مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە مۇرەسسە قىلغان زىددىيەت، ماجىرا 712 قېتىم بولۇپ، ھەل قىلىش نىسبىتى %96كە يەتتى.

  كورلا شەھىرى ئىتتىپاق كوچا باشقارمىسى لىخۇا مەھەللىسى زىددىيەت، ماجىرا، ئەرزىيەت مەنبەلىرىنى تۈزەش مەركىزىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ قۇرۇپ، سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلار ھەم كەسپىي مۇرەسسە كومىتېتى كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى «بىر ئورۇن» دا باشقۇرۇش، «بىر كۆزنەكتە» بېجىرىش، «يۈرۈشلۈك» بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مەركەزنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ سۇپا ئورتاق كۈچەيدىغان زىددىيەت، ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

  «باشقۇرۇش»تىن «ئىدارە قىلىش»قىچە، بۇ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىلغانلىقتۇر، شۇنداقلا خىزمەت شەكلى، ئۇسۇلىدىكى ھالقىش ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش شەكلىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئۈنۈملۈك ئىزدەندى. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.

  قاراماي شەھىرى دىققەتنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، «قاراماي شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى» «قاراماي شەھىرىنىڭ بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» قاتارلىق يەتتە يەرلىك نىزامنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللە كادىرلىرى بىلەن مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئارىلاش ۋەزىپە ئۆتەش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۈلۈك كارخانىلىرىغا ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈپ، مەھەللە بىلەن مۈلۈك شىركىتى قوش ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى كېلىشتۈرگۈچىلەر جەمئىيىتى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى قاتارلىق ئامما ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، خەلق رايى توغرىسىدا سەمىمىي سۆزلىشىش، كەنت ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. «ئوچۇق - يورۇق بالا سائەت ئالتە يېرىمدىكى دەرسخانا» «ياشانغانلارغا ۋاكالىتەن قاراش» قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، ياردەم بېرىش، بېجىرىش، ۋاكالىتەن قاراش مۇلازىمىتى بىلەن 12 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تەمىنلەپ، 113 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى...

  زىددىيەت، ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىدىغان، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي قاتلامدا بەرپا قىلىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ