مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.09.27 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورنىنى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى توغرا تېپىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسىنى تېپىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش بىلەن خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىدا مېڭىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇش، بىرلىكتە ئويلاش، بىرلىكتە ئىشلەش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېخىمۇ ياخشى ھالدا تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش»نى نىشان قىلىپ، تەرەققىي قىلغان تېز سۈرئەتلىك تور، مۇكەممەل غول لىنىيەلىك تور، كەڭ ئاساسىي تور، بىخەتەر، قولايلىق تۈگۈن ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىش - تارقاقلاشتۇرۇش - توشۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بىخەتەر، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، تېجەشلىك بولغان زامانىۋى قاتناش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قاتناش - تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ