مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ئۈچ كارخانا جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا قاتارىغا كىردى

2021.09.26 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 2021-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى ئۈچ پۇقراۋى كارخانا تىزىملىككە كىردى.

  بۇ ئۈچ پۇقراۋى كارخانا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شىسى تەڭرىتاغ ئاليۇمىنچىلىق چەكلىك شىركىتى بولۇپ، 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 32-، 155-، 418-ئورۇندا تۇردى.بۇ قېتىم مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە مۇلازىمەت كەسپىدىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكى ۋە ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇلازىمەت كەسپىدىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكىدە 13-ئورۇندا تۇردى، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورماتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكىدە 81-ئورۇندا تۇردى.

  2021-يىلى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان پۇقراۋى كارخانىلارنى كۆلەملىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ 23-قېتىملىق پائالىيىتى بولۇپ، يىللىق تىجارەت كىرىمى 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 5785 كارخانا قاتناشقان. 2021-يىلى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكىدە، ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە تىزىلغان كارخانىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا خۇاۋېي مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، خېڭلى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىنى ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ