مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

2021.09.26 09:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 17 ـ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاخىرلاشتى

  يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

  9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 17 ـ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سىجىل ھالدا چوڭقۇر ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنىڭ سۈپەت ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دانا تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە شەكىللەندۈرگەن سىياسەت تەدبىرى ۋە مېخانىزم چارىسىگە ياردەملىشىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال قوللىنىش كېرەك. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنىڭ ئەقلىي كۈچى زىچ توپلىنىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، بىر تۈركۈم ئورۇنلۇق، قىممىتى بار كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش، سىياسەت جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسەت تەشۋىقاتچىسى، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىكى يېتەكلىگۈچى، ھەر ساھە ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىس «شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسىپ زەنجىرى ئۈستىدە تەھلىل ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ