مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.09.26 09:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يىغىنى ئاچتى

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

  شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى يىفېي قاتناشتى

  9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يىغىنى بورتالا شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى يىفېي، شۈ خەيرۇڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇلۇش قىلىپ، شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلمىي، سىستېمىلىق پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر ئىدارە قىلىشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان، بىللە ياشايدىغان، شان ـ شەرەپتىن تەڭ بەھرىلىنىدىغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر قۇرۇش كېرەك؛ «بىر چەمبەر، بىر بەلباغ، بىر توپ» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر ـ بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەھسۇلات تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى يارىتىپ، ساياھەت كەسپىنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كەسپى قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي بوشاشماي يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، «14 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بورتالا شەھىرى، ئارىشاڭ ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ