مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن تورنى تەسىرلەندۈرگەن پەرھات ۋە ئۇنىڭ پۇتبول ئارزۇسى

2021.09.24 19:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو پۇتبولچىلىقى مەغلۇبىيەت ئۈچۈن يىغلايدىغان ئادەمگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق.» بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ كوماندىسى جېجياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ U20 ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پەرھات ئەزىمەتنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان كۆرۈنۈشى پۈتۈن توردىكى توپ مەستانىلىرىنى تەسىرلەندۈردى، تاراتقۇلار يۇقىرىقى باھالارنى بەردى.

  ئىلگىرى توردا «پەرھات» دەپ ئىزدىگەندە، كۆپىنچىسى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ناخشىچى پەرھات خالىق كۆرسىتىلەتتى؛ ھازىر «پەرھات» توردىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ئالقىشلايدىغان بىر تىرېنېرغا ئايلاندى.

  «مەن پەقەت بىر ئادەتتىكى تىرېنېر. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان، سانسىزلىغان نامسىز ئاساسىي قاتلام تىرېنېرلىرى، رېپىرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ ئىككى يىلدا كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان، خەلقئارا بىلەن جىپسىلاشقان يۇقىرى سەۋىيەلىك تىرېنېرلارنى باشقۇرۇش كوللېكتىپىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىدىنمۇ ئايرىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.» 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن پەرھات تىرېنېر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولۇش ناھايىتى ياخشى باشلىنىش نۇقتىسى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭ سەھنىلەر بۇ بالىلارنىڭ كۈرەش قىلىشىنى كۈتمەكتە.»

  مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى توپچىلىرىنىڭ بەزىلىرى گۇاڭجوۋ خېڭدا، چاڭچۈن ياتەي قاتارلىق كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرىغا قايتىپ كېلىدۇ، باشقىلار جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. «ئىككى كۈندىن كېيىن، مەن شىنجاڭ قارلىق تيەنچېڭ پۇتبول كۇلۇبىنى ئېلىپ نىڭشياغا بېرىپ، جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن، B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىگە كىرەلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا، شىنجاڭ بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇسابىقە پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ.» پەرھات تىرېنېر پات ئارىدا يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ.

  پەرھات تىرېنېر مۇنداق دېدى: «پۇتبول بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، قىسقا يولدا مېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ناھايىتى تەس، بەزىدە تاسادىپىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقدىردىمۇ، كەلگۈسىدە يەنە دەرس تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە باشتىلا ئاساسنى ياخشى سېلىپ، مەڭگۈلۈك قۇدرەت تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ياخشى. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر بالىلار پۇتبولنى تاللىسا، پۇتبولنى تاللىغان تېخىمۇ كۆپ بالىلار تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولسا بولىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ