مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالتۇن كۈزدە يېزا ـ كەنتلەر تېخىمۇ گۈزەللەشتى، مول ھوسۇل يىلىدا غەيرەت تېخىمۇ تولۇپ تاشتى

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام تەبرىكلىدى

2021.09.24 09:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئالتۇن كۈزدىكى ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى، شۇنداقلا بىر يىلدىكى مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كەلدى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، 4 ـ قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى خاسلىققا ئىگە ھەرقايسى گۈزەل يېزا ـ كەنتلەر ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە مول ھوسۇلنى تەبرىكلىدى.

  بىپايان تۇپراق بايلىققا تولدى

  شاد ـ خۇراملىق ئىچىدە مول ھوسۇل مېۋىلىرى يىغىۋېلىندى

  ئۈمىدكە تولغان ئېتىزلار بايلىققا تولۇپ، دېھقانلار ئۇدا بىرنەچچە يىل مول ھوسۇل ئالدى.

  9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، 5000 مو يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈلگەن ئونسۇ ناھىيەسى توپقان بازىرىنىڭ يېڭى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى چېن خۇي سۈپىتى ئەڭ ياخشى ئالما ۋە ياڭاقلارنى تاللاپ سېۋەتكە سېلىپ، ئەتىسى قوشنا كەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مول ھوسۇل بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىشقا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ يىل، ئۇ ئۆستۈرگەن بالدۇر پىشىدىغان ئالما ۋە ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئالغانىدى.

  «بۇ يىل تېرىقچىلىق قىلىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى قېلىپلاشتۇرۇلغان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋاقتىدا قۇرۇلغان، سېتىش بازارلىرى بالدۇر ئېچىلغان بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى نېمە تېرىسا شۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئالدى ھەم كۆپ كىرىم قىلدى. مول ھوسۇل بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئائىلىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ كۆرگەزمىگە قويماقچى بولدى» دېدى توپقان بازىرى يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋلۇڭ.

  9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى قۇمبوغۇز كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ياسىن يۈسۈپ تىراكتورىنى ھەيدەپ 1 ـ تۈركۈمدىكى پاختىلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى پاختا زاۋۇتىغا ئاپىرىپ سېتىپ، پاختا ساتقان پۇلنى ئېلىپ خۇشال بولۇپ كەتتى.

  بۇ يىل مارالبېشى ناھىيەسى 1 مىليون موغا يېقىن يەرگە كېۋەز تېرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز 200 مىڭ مو بولۇپ، 740 مىڭ مو يەرگە ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز تېرىدى. يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى پاختىكارلارنىڭ ئۇرۇقلۇقنى دانىلەپ تېرىش، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش، يىغىۋېلىشنى ماشىنىلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە يەنە كېۋەز تېرىش، سېتىش، زاپاس ساقلاش، توشۇشتىن توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك پىششىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  ھاللىق سەۋىيەگە قۇچاق ئېچىلدى

  كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتى ئىنچىكە بولدى

  9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى يېڭىشەھەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئادىل ئىمىن ئائىلىسىنىڭ نەشپۈتلۈكى كۈلكە سادالىرىغا تولغانىدى، يېڭىشەھەر كەنتى ئۆتكۈزگەن «نەشپۈتلۈكتىكى ھېكايە» باش تېما قىلىنغان نەشپۈت مول ھوسۇل بايرىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

  «بۇ يىلقى نەشپۈتلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، نۆۋەتتە يېرىمىدىن كۆپرەكى سېتىلىپ بولدى. مەن تەخمىنىي ھېسابلاپ باقسام، بۇلتۇرقىدىن 20 مىڭ يۈەن كۆپ سېتىشىمدا گەپ يوق. كەنت كادىرلىرىنىڭ بار ئاماللارنى قىلىپ بىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى ئادىل خۇشال ھالدا.

  9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى كەنت مەدەنىيەت مەيدانىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە لەڭمەن يېيىش مۇسابىقە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لەڭمەننى چاينىمايلا يۇتۇپ يېيىش ھالىتى ياندا تۇرۇپ تاماشا كۆرۈۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قويدى.

  پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تاڭ پېيكې مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا، ياۋزەنزە كەنتى ئورگانىك بۇغداي تېرىشتىن پىششىقلاش، سېتىشقىچە بولغان يۈرۈشلەشكەن يېشىل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ قىممەت زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. بۇ يىل، كەنت يەنە ئۇن پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك كەسمە چۆپ زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇردى، ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش زەنجىرىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ بۇلتۇرقى ئاساستا يەنە 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۇدا كۈرەش قىلىندى

  قەلبلەر مىننەتدارلىققا تولدى

  «بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، نۆۋەتتە ھۆل ئۈزۈمدىن 40 مىڭ يۈەنلىك ساتتۇق، قالغىنىنى قۇرۇتۇپ قۇرۇق ئۈزۈم قىلىپ ساتىمىز، مۆلچەرىمىزچە قۇرۇق ئۈزۈمدىن يەنە ئون توننا قۇرۇتالايمىز» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جيەنفاڭ.

  «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ماڭا تېخىمۇ ئىلمىي بولغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، ھازىر ئائىلىمىزنىڭ ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتى ئۆستى، مەن ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىگە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ۋاڭ جيەنفاڭ.

  9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى تىلەۋباي قىزى كەنتىدىكى بىپايان ئوتلاقتا، مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن قوي بەسلەشتۈرۈش يىغىلىشى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى نۇرغۇن باقمىچىلارنى كېلىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. تىلەۋباي قىزى كەنتىدىكى باقمىچى ساياقات ساتىلقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ زورىيىۋاتقان باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، باشقا باقمىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مېھىر ـ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىكەن.

  تۇرغۇن يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى تاسقىن سىلەمقان مۇنداق دېدى: يېزىمىزدا ئۇدا بىرنەچچە يىل مول ھوسۇل بايرىمىدىن پايدىلىنىپ قوي بەسلەشتۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، كەڭ دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ نەق مەيداندا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق ئىلمىي باقمىچىلىقتىكى تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  (مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، دۇ جيەنخۇي، گې يوۋجۈن، جاڭ رۇيلىن، جاڭ تىڭ)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ