مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 48 ـ قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

2021.09.24 09:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 48 ـ قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 16 ـ قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار تەتقىق قىلىندى، ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەھەللە باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەھەللە باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» قارالمىسى چۆرىدەلگەن ھالدا كېڭىشىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، يىغىندا قىلىنىدىغان سۆز، سىنلىق ئۇلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەر كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللىنىپ، ئەزالارنىڭ كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىدىغان سۆزىدە تەكلىپلەرنىڭ جايىدا، پىكىرلەرنىڭ ئورۇنلۇق، دەلىللەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەزالارنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، يىغىندا، يىغىن سىرتىدا، توردا، تور سىرتىدا ماس قەدەمدە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىغىننىڭ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مول نەتىجىلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى روھىي ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ، بۇ يىلقى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى تاماملاپ، كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالدىن ياخشى پىلانلاش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى سۆزلەپ، ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ مېھىر ـ شەپقىتىنى سۆزلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ