خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى لېي يۈ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى بىلەن، داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ئەرز شىكايىتى سۇندى.
تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، قانۇن بويىچە جاۋابكار لېي يۈ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلەپ مۇنداق دېدى: جاۋابكار لېي يۈ تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى، ئىجرا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، قانۇنسىز پۇل-مال قوبۇل قىلغان، پارا ئېلىش سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ