مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىدىن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنى تەڭ بەھرىلەندۈرىمەن»

​− شېنجېن شەھىرىدىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەللىك ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2021.09.23 10:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، كولۇمبىيە، پاكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن شېنجېن شەھىرىدىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەللىك سەككىز ۋەكىلى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى. بەش كۈن ئىچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، قەشقەردە يەسلى، دوختۇرخانىلارغا باردى، كەسىپلەر باغچە رايونى، كەنت قۇرغان زاۋۇتلارنى كۆردى، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، ھېيتگاھ مەسچىتى قاتارلىقلارنى ئايلاندى، بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقى ۋە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىقى، ئۇنى قوغدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

  «مەيلى قەيەرگە بارايلى، ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىنى كۆردۇق»

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئازراق دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. قايناق كەيپىيات، مول تاۋارلار ۋە كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

  «مەن 2015-يىلى شىنجاڭغا بىر قېتىم كەلگەن، ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپتۇ، بولۇپمۇ ناھايىتى كۆپ يېڭى يول، يېڭى كۆۋرۈك قاتارلىقلار ياسىلىپتۇ.» پاكىستاندىن كەلگەن خەيفۇدې ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (شېنجېن) گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شىندۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە مەيلى قەيەرگە بارايلى، كىشىلەرنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىنى كۆردۇق. كەلگۈسىدە تېببىي دورا، يېمەكلىك، ئىچىملىك، ئاۋىياتسىيە ھەمدە نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى، مۇقىملىق ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى ئىگىلىدى.

  «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شىنجاڭغا كېلىپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ خىل تەسىراتنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. بۇ يەر ناھايىتى گۈزەل، تاۋارلىرى مول ئىكەن، شۇنىڭدەك ئىنتايىن تىنچ، بىخەتەر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.» پۇخۇا يۇڭداۋ جۇڭگو رايونى ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشقا ئاساسلىق مەسئۇل شېرىك جاڭ لىجۈننىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ شىركىتى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى رەقەملەشتۈرۈش ۋە يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، شەھەر ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى ۋە تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  «مەن كېيىن شىنجاڭغا يەنە كېلىمەن»

  9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئىللىق قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى. ئوغۇساق بازىرىنىڭ تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنت يەسلىسى مەيدانىدا، بالىلار پۇتبولنى ئېلىپ مېڭىش كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى؛ دەرسخانىدا ئوخشاش بولمىغان سىنىپتىكى بالىلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇسسۇل، رەسىم، ھېكايە سۆزلەش، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلۈۋاتاتتى. بالىلىق قىزىقىشىغا تولغان مەكتەپ كەيپىياتى، ئىلغار، پاكىز، رەتلىك ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، يەنە بالىلارنىڭ گۆدەكلەرچە خۇشال چۇرقىراشلىرىنى كۆرۈپ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ خېلى ئۇزاققىچە بۇ يەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

  ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنگلىيەدىن كەلگەن كارولىن مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ بۇ يەردە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.» گەرچە جۇڭگودا 14 يىل ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن ئۇ، يېزا يەسلىلىرىنىڭ شارائىتىنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ھەربىر سىنىپقا ئىككى ئوقۇتقۇچى سەپلەنگەن بولۇپ، ئوخشىمىغان تىلدا دەرس ئۆتۈۋاتاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى. ئۇ شېنجېندىن شىنجاڭغا ئايروپىلانلىق كەلگۈچە جۇڭگونىڭ چوڭلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن كېيىن شىنجاڭغا يەنە كېلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىمەن ۋە ھېس قىلىمەن».

  كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇتتا، ئىشچىلار كوناشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى زاكاز قىلغان قىشلىق مەكتەپ فورمىسىنى جىددىي تىكىۋاتاتتى. ياپونىيەدىن كەلگەن شېنجېن شەھىرى شېڭتاڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ياپونىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئادۋوكاتى دايۆ دېياڭنىڭ قارىشىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كەنت قۇرغان بۇ زاۋۇت مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشى كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاياللارنى ئۆيىدىن چىقسىلا پۇل تاپالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغان، ئۇلار ئائىلىسىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش بىلەن بىللە، ئۆزلىرى يەنە بىر كىشىلىك كىرىم قىلغان. ئۇ ئۆزى ھەمكارلاشقان جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى 50 نەچچە ياپونىيە كارخانىسىنىڭ گۈزەل شىنجاڭدا ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ياۋروپادىن كەلگەن داننېل ئۆزى ياقتۇرىدىغان ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە ناھايىتى تەملىك يېمەكلىك ۋە ئېسىل قەھۋەگە ئېغىز تەگدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئەنئەنىۋى خاس مەدەنىيىتى ساقلاپ قېلىنىپتۇ، بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىش بولۇپتۇ.

  «مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەكلىپ قىلغۇم بار»

  قەدىمىي ئەجدادلاردىن مىراس قالغان سامسىپەزلىك، ئاتا-بالا ئىككى ئەۋلاد تىجارەت قىلغان ئات تاقىسى، ئات ئېگىرى ياساش دۇكىنى، يەتتە ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان تۆمۈرچىلىك دۇكىنى... قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ھەممە يېرى قەدىمىي تۈسكە تولغان؛ سۈرەتكە تارتىش، ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكانلىرى، كوناشەھەرنىڭ ئارقا كوچىلىرىدىكى قەھۋەخانىلار، خاس پۇقراۋى قونالغۇلار... بۇلارنىڭ ھەممىسىگە زامانىۋى مودا ئامىللار سىڭگەن.

  «ئۆتكەن ئۈچ كۈندە، بىز شىنجاڭدا نۇرغۇن جايغا باردۇق، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۇق، بۇ يەردىكى كىشىلەر ناھايىتى دوستانە، ناھايىتى قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن، مەن ئىنتايىن ياقتۇردۇم.» دادىسى بىلەن بىرگە كولۇمبىيەدىن كەلگەن شېنجېن لادىڭيەن سۈپەت تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لۇئىس مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھازىر جۇڭگو شاڭخەي ھۆكۈمىتى ھەم شېنجېندىكى كارخانىلار بىلەن كاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي بىلىملىرى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ھەمكارلاشتى، شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، يەنە دېڭىز-ئوكياندىن يىراق، ئېنېرگىيە ئېچىش، پايدىلىنىش، دېڭىز-ئوكيان مەھسۇلاتلىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش جەھەتلەردە ناھايىتى زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

  كولۇمبىيەدىن كەلگەن شېنجېن لادىڭيەن سۈپەت تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋىكتور مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ئاتا-بالا ئىككىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىمىز، يول بويى نەچچە مىڭ پارچە سۈرەت ۋە نەچچە سائەتلىك سىن تارتتۇق، «مەن شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىدىن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنى تەڭ بەھرىلەندۈرىمەن، ئۇلارغا بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن دوستانە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن، يەنە ئۇلارغا بۇ يەردە ئۆزگىچە مېۋە-چېۋىلەر ۋە ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن، شىنجاڭ شۇ قەدەر گۈزەل ئىكەن، مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەكلىپ قىلغۇم بار».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ