مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​چېگرا لىنىيەسىدە يىلتىز تارتىپ، يېڭى تۇرمۇش كەچۈردۇق

2021.09.23 10:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چىلاق مەمەترېھىم:​

  چېگرا لىنىيەسىدە يىلتىز تارتىپ، يېڭى تۇرمۇش كەچۈردۇق

  «بۇ قېتىم قايتىپ كەلسەم، كەنتىمىز تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتىپتۇ.» 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەفتەر يېزىسى راسكام كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق چىلاق مەمەترېھىم خوتۇنى بىلەن ئائىلىسىنىڭ ئېتىزىدىكى بۇغدىيىنى ئورۇغاچ، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

  چىلاق بىلەن خوتۇنى راسكام كەنتىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئۇلار يىل بويى چېگرا چارلاپ، چېگرانى قوغدايتتى، ئۆيگە قايتىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىدى. «ئەڭ قىسقا بولغاندا 20 كۈندە بىر قېتىم، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم قايتىپ كېلىمىز، بۇ قېتىم مەخسۇس بۇغدايلىرىمىزنى ئورۇش ئۈچۈن كەلدۇق.» چىلاق مۇنداق دېدى: يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان، ھەر قېتىم قايتىپ كەلگەندە كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىمىز.

  چىلاق تۇرۇشلۇق راسكام كەنتى پامىر ئېگىزلىكىدىكى نامراتلارنى باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ يۆلەش يېڭى كەنتى. 2018 - يىلى، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كۆچۈرۈلىدىغان 12 كەنتنىڭ ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. يېڭى كەنتتە ئۆيلەر، چارۋا مال قوتانلىرى بىردەك رەتلىك، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، ئاسفالت يول ناھىيە بازىرىغا تۇتاشقان.

  «ھازىرقى راسكام كەنتىدە ھەممە ئائىلىدە يەم - خەشەك ئامبىرى، تونۇر بار، ئىشىك ئالدىدا پىيادىلەر يولى، ئۆينىڭ كەينىدە چىغىر يول بار، ھويلا - ئاراندا يەنە كۆكتات تېرىلىدىغان، قوي - كالىلار بېقىلىدىغان بولۇپ، كەنتىمىز ھەقىقەتەن گۈزەل» دېدى چىلاق.

  بۇغداينى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن، چىلاق خوتۇنى بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ، پاكىز كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، سافادا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆردى. «ئۆيىمىزگە ئاستىدىن ئىسسىيدىغان پار ياتقۇزۇلدى، تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، شەھەرلىكلەر ئىشلىتىۋاتقان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بىزدىمۇ بار، تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى چىلاق ھاياجانلانغان ھالدا.

  شۇ چاغدا، چىلاقنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى، قەشقەر شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چوڭ قىزى يان تېلېفوندا ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. ئاتا - بالا ئىككىيلەن بىر - بىرىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، چىلاق قىزىغا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، بىز تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، سىڭلىڭ بىلەن ئىككىڭلارمۇ ياخشى تەربىيە ئېلىۋاتىسىلەر، شۇڭا مىننەتدارلىقنى بىلىپ، ياخشى ئۆگىنىڭلار».

  بالىلىرى سىرتتا ئوقۇيدىغان، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يىل بويى چېگرا چارلاپ، چېگرانى قوغدايدىغان بولغاچقا، سىنلىق سۆزلىشىش بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاقىلىشىش شەكلى بولۇپ قالدى. «كەنت خەۋەرلىشىش سىگنالى بىلەن تولۇق قاپلانغاندىن كېيىن، بىز كەڭ بەلباغلىق تور ئورنىتىپ، ئىنتېرنېت تورىدا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق، يان تېلېفون سىگنالىمۇ بار بولدى، ھەر ھەپتىدە سىن ئارقىلىق قىزىم بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان بولدۇق، بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال» دېدى چىلاق.

  ھازىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تور ئۇلىنىپلا قالماي، ھەتتا ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ چېگرا لىنىيەسىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدىمۇ تور بىلەن قاپلىنىش ئەمەلگە ئاشتى. «ئىلگىرى بىز چېگرا چارلاشقا چىقساق، بالىلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىش ناھايىتى تەس ئىدى، ھازىر مەيلى قەيەردە بولايلى، بىر - بىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدۇق، كۆڭلىمىز ناھايىتى خاتىرجەم. تور تۇتاشتۇرۇلغاچقا، بىزنىڭ چېگرا چارلاش تۇرمۇشىمىزمۇ خېلىلا بېيىدى، خوتۇنۇم يېقىندىن بۇيان يەنە توردىكى تىياتىرلارنى كۆرۈشكە مەپتۇن بولۇپ قالدى» دېدى چىلاق كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، خىزمىتىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، چىلاق ھەمىشە بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى ئەسلەيتتى.

  چىلاق ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد چېگرانى قوغدىغان. بوۋىسى بىلەن دادىسى چېگرانى قوغدىغان يىللاردا، ئۇلار پەقەت تۆگە قاتارلىقلارنى مىنىپ چېگرا چارلىغان، قورسىقى ئاچسا قۇرۇق نان يەپ، ئۇسسىسا قار سۈيى ئىچكەن، چېگرا چارلاش ياردەم پۇلىمۇ ناھايىتى چەكلىك بولغان. چىلاقمۇ ئون نەچچە يىل مۇشۇنداق چېگرا قوغداش تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن. «كېيىن تاغقا كىرىپ چىقىدىغان يول ياسىلىپ راۋانلاشتۇرۇلدى، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئايلىق ياردەم تولۇقلىمىسىمۇ كۆپەيدى. كېيىن بىز يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلدۇق، بالىلىرىمىز مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدى، كېسەل كۆرسىتىشتە غەم قىلمايدىغان بولدۇق، كەنتتە يەنە كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، نۇرغۇن كىشى يەنە پىكاپ سېتىۋالدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى چىلاق.

  «بىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىنى ياخشى قوغدايمىز» دېدى چىلاق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ