مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«خاتىرجەم ياشايدىغان»، تېخىمۇ مۇھىمى «ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان» مۇھىت يارىتىش

− بورتالا ئوبلاستى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى

2021.09.23 10:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، شەھەر يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى، كىچىك كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرى بارغانسېرى كۆپ قۇرۇلدى، كۆكەرتىش كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى...

  بۇ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ دەرىجىسى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىرتقا كېڭىيىش ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرگەن شەھەر تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامما «خاتىرجەم ياشايدىغان»، تېخىمۇ مۇھىمى «ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان» مۇھىت ياراتتى.

  ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش

  9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى جيېشىن مەھەللىسى جيېشىن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى جاڭ يۇڭجيەن چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ لىفىتقا چىقىپ، دادىسىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.

  «بىزنىڭ بۇ يەر كونا ئولتۇراق رايون بولۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى بىر قەدەر ناچار ئىدى، ئىلگىرى ئولتۇراق بىنادا لىفىت يوق، دادام ياشىنىپ قالغان، ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، سىرتقا چىقىشى ناھايىتى تەس ئىدى. بۇ يىل ئولتۇراق رايونىمىز ئۆزگەرتىلىپ، ئولتۇراق بىنالارغا لىفىت ئورنىتىلدى، كىرىپ چىقىشىمىز ناھايىتى قولايلاشتى» دېدى جاڭ يۇڭجيەن.

  جاڭ يۇڭجيەن بورتالا ئوبلاستىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، دىققەتنى «ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساس سېلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى چۆرىدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 242 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ تاماملىدى، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 100 مىڭغا يېقىن كىشى نەپكە ئېرىشتى.

  ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كونا ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ئۆيلەر «كونا بولۇش»تىن «يېڭى بولۇش»قا، يوللار «توسۇق بولۇش»تىن «راۋان بولۇش»قا، كارىدورلار «قالايمىقان بولۇش»تىن «رەتلىك بولۇش»قا ئۆزگەردى، ئولتۇراق رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ، ئولتۇراق رايوننىڭ ئومۇمىي مۇھىتى ئەلالىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ «تۇرالغۇسى بولۇش»تىن «ياخشى ئولتۇراقلىشىش»قىچە بولغان جەرياندا، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  جيېشىن ئولتۇراق رايونىدا ماڭغاندا، يولنىڭ يېپيېڭى، كەڭ ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرىپىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، ماشىنا توختىتىش ئورنىنىڭ رەتلىك، ئۆلچەملىك، بىنالارنىڭ يېڭىدىن ئاقارتىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ... ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوندا سەيلە قىلىپ، ھەرىكەت قىلىپ، تۇرمۇشتىن مەمنۇن بولدى.

  بورتالا ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ چىڭ مۇنداق دېدى: كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، بورتالا ئوبلاستى يەنە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەردىكى 52 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، 120 مىڭ ئاھالىنىڭ كەپىلىك مەھەللىدىن يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىگە ياردەم بېرىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى.

  شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  بۈگۈنكى كۈندە، بورتالا شەھىرى ۋاڭشيا ئولتۇراق رايونى 1 - قاراردىكى ئاھالە ئوسمانجان قاسىم دائىم ۋېلىسىپىت مىنىپ ئولتۇراق رايون ئەتراپىنى ئايلىنىدۇ، بۇ يىل 4 - ئايدىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ تېخى بۇنداق ئادىتى يوق ئىدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ۋاڭشيا ئولتۇراق رايونىنىڭ 1 - قارارىنىڭ سىرتىدىكى بۇ يول «ئۈزۈك يول»غا تەۋە بولۇپ، ئاھالىلەر بىر كىلومېتىر ئايلىنىپ ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاساسلىق غول يولغا بارالايتتى.

  «ئۈزۈك يول» خۇددى شەھەر يول تورىدىكى توسۇققا ئوخشايتتى، ئاھالىلەر سىرتقا چىققاندا ئامالسىزلىقتىن «يېقىندىكىنى قويۇپ يىراقتىكىگە يۈگۈرىدىغان» بولۇپ، تۇرمۇشى ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. شەھەر رايونىنىڭ يول تورى ئىقتىدار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بورتالا ئوبلاستى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر «ئۈزۈك يولى»، T شەكىللىك يولدىن 57نى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەر يول تورىنىڭ زىچلىقى ۋە راۋانلىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر رايونىدىكى «سىرتقا چىقىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  4 - ئايدا ۋاڭشيا ئولتۇراق رايونىنىڭ 1 - قارارىدىكى «ئۈزۈك يول»نى تۇتاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش باشلاندى، بىر يېپيېڭى ئاسفالت يول پۈتتى، ئىككى تەرەپكە ماشىنا توختىتىش رايونى، ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىندى، يول بويىغا يەنە كەچلىك بازار يايما ئورنى تەسىس قىلىندى، ئىلگىرىكى توپا - چاڭ ئۇچۇپ تۇرىدىغان توپا يول بىردىنلا ئاھالىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئارام ئېلىش ئورنىغا ئايلاندى.

  ليۇ چىڭ مۇنداق دېدى: «ئۈزۈك يول»لارنى راۋانلاشتۇرۇشتىن باشقا، بورتالا ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە يەر ئاستى بوشلۇقىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ ئېچىپ پايدىلىنىپ، بۇلۇت شەھەر قۇرۇلۇشى، كونا شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا تورىنى يېڭىلاشنى چۆرىدەپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سۇ، توك، ئىسسىقلىق، گاز قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ جايلىشىشىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى، 19 مىليارد 830 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر يولى، ئاسما سىملارنى يەرگە كىرگۈزۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش - چىقىرىش تۇرۇبا تورى، مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى تۈرىدىن 765نى يولغا قويدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قولايلىقلىقى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  سىرتقا چىققاندا يېشىللىقنى، سۇنى كۆرەلەيدىغان بولۇش

  9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا شەھىرىدىكى بىڭخې باغچىسىدا ئوت - چۆپلەر ياپيېشىل ئۆسكەن، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن، ئاسما يوللار ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى باغچىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى، ۋېلىسىپىت مىنىۋاتاتتى، پەي توپ ئويناۋاتاتتى، بالىلار ئويۇن ئويناش رايونىدا ئويناۋاتاتتى.

  ئادەتتىكىگە ئوخشاش، بورتالا شەھىرى ئاھالىسى خاۋ لەنلەن بالىلىرىنى ئېلىپ بىڭخې باغچىسىغا كەلدى، بالىلار قۇملۇق ساھىلدا قۇم دۆۋىلىدى، ئۇ يۈگۈرۈش يولىدا ئاستا يۈگۈردى. «بۇ يىللاردا، باغچە ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى تولۇقلىنىپ، ئوت - چۆپلەر تېخىمۇ يېشىللىشىپ، دەل - دەرەخلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ، سۇ تېخىمۇ سۈزۈكلىشىپ، بىزنىڭ ئارام ئالىدىغان ياخشى مەنزىلگاھىمىزغا ئايلاندى» دېدى ئۇ.

  بىڭخې باغچىسىنىڭ مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، بۇ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ «يەرنى خەلققە قايتۇرۇش، سۇنى خەلققە قايتۇرۇش، يېشىللىقنى خەلققە قايتۇرۇش، مەنزىرىنى خەلققە قايتۇرۇش» تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى سۇ يۈزى، يېشىللىق، يېشىل كارىدور قاتارلىق شەھەر ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، شەھەر ئولتۇراق رايونلىرى، بوشلۇق مۇھىتى، مەنزىرە قىياپىتىنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، چېقىپ - كۆچۈرۈپ يېشىللىق بىنا قىلىش، تاملارنى چېقىپ يېشىللىقنى كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، شەھەرنىڭ يېشىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۈرلۈك «كىچىك باغچە»، كوچىلاردىكى يېشىللىق، كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، باغچە، مەيداندىن 80گە يېقىننى قۇردى. نۆۋەتتە، بۇ ئوبلاستتا قۇرۇلۇش قىلىنغان رايونلارنىڭ يېشىللىق كۆلىمى 1820.8 گېكتار، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 2035.6 گېكتار، قۇرۇلۇش قىلىنغان رايونلارنىڭ يېشىللىق نىسبىتى %34.36 بولدى؛ باغچىلارنىڭ يېشىللىق كۆلىمى 339.11 گېكتارغا يەتتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمى 14.38 كىۋادرات مېتىر بولدى، ئاھالىلەر سىرتقا چىققاندا « 300 مېتىر مېڭىپلا يېشىللىقنى كۆرەلەيدىغان، 500 مېتىر مېڭىپلا باغچىنى، سۇنى كۆرەلەيدىغان بولۇش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بورتالا ئوبلاستى يەنە سۇ سىستېمىسىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چىندېل دەرياسىنى تۈزەش، بورتالا دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى، ئارىشاڭ سۇلۇق يېرى، كەيپىڭ دەرياسى سۇ سىستېمىسى، شىڭخو غول ئۆستىڭى، خېيخې دەرياسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى، چېتىلىدىغان دەريا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر بولۇپ، داڭلىق «ئۈچ دەريا، توققۇز كۆۋرۈك»نى بەرپا قىلىپ، شەھەرنىڭ ئەسلىدىكى سۇ سىستېمىسىنى «جانلاندۇردى»، «گۈزەللەشتۈردى».

  «بورتالا ئوبلاستى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، <قارىسىلا تاغنى كۆرەلەيدىغان، سۇنى كۆرەلەيدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتالايدىغان> بولۇشنى شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، شەھەر - يېزا قىياپىتىدە ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، بورتالا ئوبلاستى بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، پۇقرالار بارغانسېرى بەختلىك بولدى» دېدى ليۇ چىڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ